دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خالايدۇ

2026.09.29 14:53 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن 28-سېنتەبىر دائىملىق مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: ئالدىنقى ھەپتە، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو -ئامېرىكا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ۋاشىنگتون ئۇچرىشىشىغا يۈكسەك دىققەت قىلدى. جۇڭگو بۇ قېتىمقى زىيارەتكە قانداق باھا بېرىدۇ؟

گو جياكۇن: 9-23-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە، زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، رەئىس شى جىنپىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو -ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، "ھۆرمەت قىلىش، ئادىل بولۇش، باراۋەر بولۇش ئاساسىدىكى جۇڭگو -ئامېرىكا ئىجابىي، ئىستراتېگىيەلىك، مۇقىم مۇناسىۋىتى"نى ئورتاق بەرپا قىلىش قاتارلىقلار توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ئاسىيا -تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (CEPA) رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنى ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى ئۆزئارا قوللاشقا قوشۇلدى. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو -ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ