تاشلاندۇق تۇرمۇش قەغىزى ۋە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان قەغەزلەرنى ئىشلىتىشنى قەتئىي مەنئى قىلىش قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك

ھاسىلىي قەغەز بوتقىسىغا دائىر دۆلەت ئۆلچىمىنىڭ يېڭى نۇسخىسى 10-ئايدا يولغا قويۇلىدۇ

2026.09.29 14:49 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 9-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىگىلىشىچە، دۆلىتىمىز قەغەزچىلىك كەسپىنىڭ تالا خام ئەشياسىدا سىرتقا تايىنىش دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، ھەر يىلى ھاسىلىي قەغەز بوتقىسىنى زور مىقداردا ئىمپورت قىلغاندىلا، دۆلىتىمىزنىڭ قەغەزچىلىك كەسپىنى خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ھاسىلىي قەغەز بوتقىسى»نىڭ دۆلەت ئۆلچىمى 2026-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ، بۇ تاموژنىنىڭ ئىمپورت ماللارنى تەكشۈرۈش، سۈپەتكە ھۆكۈم قىلىشىنى مۇھىم تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ ئىمپورت قىلىنغان ھاسىلىي قەغەز بوتقىسىنىڭ سۈپىتى ۋە تازىلىق بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. بۇ ئۆلچەم ئاساسلىقى خام ئەشيانى باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش، ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر -سەنئىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، يېڭىدىن كۆپەيگەن مىكرو ئورگانىزملارنى دېزىنفېكسىيە قىلىش، تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەلالاشتۇرۇلدى، مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

«ھاسىلىي قەغەز بوتقىسى»نىڭ دۆلەت ئۆلچىمىدە ھاسىلىي قەغەز بوتقىسى خام ماتېرىيالىغا چوقۇم تۈرگە ئايرىپ يىغىۋېلىنغان قەغەز، قەغەز تاختا ۋە قەغەز بۇيۇملارنى ئىشلىتىش شەرت، تاشلاندۇق تۇرمۇش قەغىزى، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان قەغەز قاتارلىق پاكىز بولمىغان ماتېرىياللارنى ئىشلىتىشنى قاتتىق مەنئى قىلىش، ھاسىلىي قەغەز بوتقىسىنىڭ تازىلىق بىخەتەرلىكىگە مەنبەدىن كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكى تۇنجى قېتىم ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ