

دارى مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدىن زاگانا جىلغىسىغا نەزەر. خەلق تورى مۇخبىرى جياۋ لۇڭ فوتوسى
باش كۈزدىكى زاگانا بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ تىنچ مەزگىلنى كۈتۈۋالدى، ئاجايىپ چوققىلار، يېشىللىققا پۈركەنگەن تاغ تىزمىلىرى، چوڭقۇر جىلغىلاردا شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان ئېرىقلار ئەنئەنىۋى زاڭزۇ كەنتلىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بەئەينى غايىۋى ماكانغا ئوخشايتتى.
زاگانا زاڭزۇ تىلىدا «تاش قۇتا» دېگەن مەنىدە بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3000 مېتىرغا يېقىن كېلىدۇ، ياز پەسلىدە ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 20 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتمەيدۇ، كىلىماتى سالقىن، يېقىشلىق. 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، يازلىق تەتىل ئاخىرلىشاي دەپ قالغان بولسىمۇ، زاگانا مەنزىرە رايونىدا يەنىلا ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ ئىدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن ساياھەتچىلەر تاغ مەنزىرىلىرىنى تاماشا قىلىپ، داكا قىلىپ سۈرەتكە چۈشۈپ، ئېگىزلىكتىكى باش كۈزدىكى زاڭزۇ يۇرتىنىڭ مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى. دارى مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدا، ساياھەتچىلەر يان تېلېفونى ۋە فوتو ئاپپاراتىنى كۆتۈرۈپ، زاگانانىڭ كۈزدىكى گۈزەل مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتتى.
زاگانانىڭ «دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ساياھەت يېزا-كەنتى» بولۇپ تاللىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇلۇت تېرمىنالىغا يوشۇرۇنغان بۇ قەدىمىي كەنت تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. (جياۋ لۇڭ، جوۋ ۋەنتىڭ، شى جۈەنجۈەن)

ساياھەتچىلەر دارى مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدا قەدىمىنى توختىتىپ سۈرەتكە تارتماقتا. خەلق تورى شى جۈەنجۈەن فوتوسى

ساياھەتچىلەر دارى مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدا قەدىمىنى توختىتىپ سۈرەتكە تارتماقتا. خەلق تورى شى جۈەنجۈەن فوتوسى

ساياھەتچىلەر زاگانا مەنزىرە رايونىدا سەيلە قىلىپ سۈرەتكە تارتىپ، زاڭزۇ يېزىسىنىڭ باش كۈز مەنزىرىسىدىن قانغۇچە بەھرىلەنمەكتە. خەلق تورى مۇخبىرى جياۋ لۇڭ فوتوسى

ساياھەتچىلەر زاگانا مەنزىرە رايونىدا سەيلە قىلىپ سۈرەتكە تارتىپ، زاڭزۇ يېزىسىنىڭ باش كۈز مەنزىرىسىدىن قانغۇچە بەھرىلەنمەكتە. خەلق تورى مۇخبىرى جوۋ ۋەنتىڭ فوتوسى

يېشىللىققا پۈركەنگەن زاگانا جىلغىسى. خەلق تورى شى جۈەنجۈەن فوتوسى

يېشىللىققا پۈركەنگەن زاگانا جىلغىسى. خەلق تورى مۇخبىرى جوۋ ۋەنتىڭ فوتوسى

زاگانانىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى. خەلق تورى مۇخبىرى جياۋ لۇڭ فوتوسى

زاگانانىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى. خەلق تورى شى جۈەنجۈەن فوتوسى

زاگانانىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى. خەلق تورى مۇخبىرى جياۋ لۇڭ فوتوسى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ