
شۇ جاي ۋاقتى 27-سېنتەبىر كەچتە سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ خەلق ئاممىسىغا سۆز قىلىپ، ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. ۋۇچىچ سۆزىدە سېربىيە خەلق ئاممىسىنىڭ ئىككى قېتىم زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئۆزىگە ئىشەنگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.

ئارقىدىن ۋۇچىچ ئىستىپانامىگە ئىمزا قويۇپ، سېربىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن رەسمىي ئىستىپا بېرىپ، ئىككىنچى قېتىملىق زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇ كېلەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىلىق سايلىمىغا قاتنىشىدىكەن. ۋۇچىچ 28-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بۇرنابىچقا زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى، بۇرنابىچنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن ئۆتەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋۇچىچ 2017-يىل 4-ئايدا زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان، 2022-يىل 5-ئايدا ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. سېربىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولۇپ، ئۇدا ئىككى قېتىم ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ