شى جىنپىڭ ئامېرىكىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇردى

2026.09.28 10:02 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر شۈ جيەنمېي) شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى. ۋاشىنگتوندىن ئايرىلىدىغان چاغدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايرودۇرۇمغا بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى. ئايرودۇرۇمدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى.

ئايرودۇرۇمغا بېرىش يولىدا، خۇاچياۋ، خۇارېنلار ۋە ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ