شۆھرەت زاكىر دۇنياۋى ئىمكانىيەتلىك سىجىل قاتناش باشلىقلار مۇنبىرى (2026)نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى، كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان خەلقئارا تىرانسپورت كارىدورى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشتى

2026.09.23 14:25 مەنبە: خەلق تورى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۆھرەت زاكىر 9-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدا دۇنياۋى ئىمكانىيەتلىك سىجىل قاتناش باشلىقلار مۇنبىرى (2026)نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى، كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان خەلقئارا تىرانسپورت كارىدورى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۇنياۋى قاتناشنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان خەلقئارا تىرانسىپورت كارىدورىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئورتاق پايدا ئېلىش نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ. ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشقىلى كەلگەن ئەزەربەيجاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى مۇستافايېف ۋە قىرغىزىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئاكۇنبېكوف بىلەن كۆرۈشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ