
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9-ئاينىڭ 21-كۈنى تېلېگراممىسى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇنداق جاكارلىدى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ تەكلىپى بىلەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ تەكلىپى بىلەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن 9-ئاينىڭ 21-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئاساسلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەم جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولغان ئۈمىدىنى تونۇشتۇردى.
گو جياكۇن مۇنداق دېدى: زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ھەمدە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.
گو جياكۇن مۇنداق بىلدۈردى: دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە تەڭداشسىز ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولغا ئىگە. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يېرىم يىل ئىچىدە ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى تارىخىي خاراكتېرلىك، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتىپ، سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ ۋە تىزگىنلەپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ