
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9-ئاينىڭ 21-كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا ياشلىرى باش تېمىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ئامېرىكىدىكى ئون ئالىي مەكتەپنىڭ ياش ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت قايتۇردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگودا كۆڭۈللۈك، ئۇنتۇلغۇسىز بىر بۆلەك سەپەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. سىلەر خېتىڭلاردا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭلارنى، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىغا بولغان ئۈمىدىڭلارنى ئىپادىلەپسىلەر، تىنچ ئوكياندىن ھالقىغان دوستلۇق ئەلچىسى بولۇشنى خالايدىغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈپسىلەر، مەن بۇنىڭدىن خۇرسەن بولدۇم.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو-ئامېرىكا ياشلىرى بىر يەرشارىدا ياشايدۇ، دەۋر بۇرچىنى ئورتاق زىممىگە ئالغان. سىلەرنىڭ داۋاملىق ئىككى دۆلەتتىكى كەڭ ياشلار بىلەن بىرلىكتە، تىرىشىپ جۇڭگو-ئامېرىكا دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ ۋارىسلىق قىلغۇچىلىرى، قوغدىغۇچىلىرى، تەرەققىي قىلدۇرغۇچىلىرىدىن بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ياشلىق كۈچۈڭلارنى قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
يېقىندا، ئامېرىكا خارۋارد داشۆسى قاتارلىق ئون ئالىي مەكتەپنىڭ 100گە يېقىن ياش ئوقۇغۇچىسى رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، جۇڭگوغا كېلىپ «2026-يىللىق جۇڭگو-ئامېرىكا ياشلىرى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان بىر مەقسەتتە بولۇش سەپىرى» قاتارلىق باش تېمىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشقاندىكى ھاسىلاتى ۋە تەسىراتىنى بايان قىلدى، جۇڭگو - ئامېرىكا دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ