
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 9-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى يىغىن ئېچىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىشقا دائىر زور مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنى 10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» ئارگىنالى ھەققىدە پارتىيە ئىچى-سىرتىدا مۇئەييەن دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ، بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان پىكىرگە ئاساسەن تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن ھۆججەت ئارگىنالىنى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى پىكىر ئېلىشتا دېموكراتىيە جارى قىلدۇرۇلۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ئىشقا سېلىندى، ھەرقايسى رايونلار، تارماقلار، تەرەپلەر قارار ئارگىنالىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، قارار ئارگىنالىدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تەجرىبىلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا خۇلاسىلىنىپ، ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى دۇچ كېلىدىغان ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىشقا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش تارىخىي تەشەببۇسكارلىقى نامايان قىلىنىپتۇ، بۇ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشقا قارىتا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارىدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ بۇرچ-ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى ئاساس قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئاۋانگارتلىق خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى ساقلاش، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشنى كۆزدە تۇتۇپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇشى، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئۆزىنى يېڭىلىشى، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك ئىقتىدارى، ئاممىۋى تەشكىللەش ئىقتىدارى، ئىجتىمائىي چاقىرىق ئىقتىدارىنى سىجىل كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ باشتىن-ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران-چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، غەيرەت-شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرۇۋاتقان ماركسىزملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى سىياسىي پارتىيە بولۇشى، باشتىن-ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش شەرت.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن پارتىيە جەزمەن پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدىن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەردە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدا دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى تۈزەپ، ياخشى ھەل قىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا شەكىللەنگەن ياخشى سىياسىي ۋەزىيەتنى ياخشى مۇستەھكەملەپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشى شەرت.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ