
گوۋۇيۈەن دۆلەت خادىملىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى
يۈ شياۋخۇينى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرلىقىغا تەيىنلىدى؛ پەن ۋېنبونى يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرلىقىغا تەيىنلىدى؛ لى چېڭگاڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلقئارا سودا سۆھبىتى ۋەكىل (مىنىستىر دەرىجىلىك)لىكىگە تەيىنلىدى؛ لىڭ جىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلقئارا سودا سۆھبىتى مۇئاۋىن ۋەكىللىكىنى قوشۇمچە ئۆتەشكە تەيىنلىدى؛ سەي دۇڭنى دۆلەت پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلىدى؛ جاڭ يۇڭجۈننى دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلىدى؛ جاڭ شياۋتاڭنى دۆلەت تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلىدى؛ ليۇ جېننى دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلىدى.
شۈ چىڭسېننى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛ خۇ ۋېيليېنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛ نيۇ يىبىڭنى دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛ لياۋ جىۋېينى چاڭجياڭ دەرياسى سۇچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ