
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 9-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2026-يىلى مەركىزىي سوتسىيالىزم شۆيۈەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 9-ئاينىڭ 19-كۈنى، شۆيۈەن مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان «يېڭى دەۋر بىرلىك سەپ مۇنبىرى . 2026» بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەركىزىي سوتسيالىزم شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ۋۇ ۋېيخۇا مۇنبەرگە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
ۋۇ ۋېيخۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 10 يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي سوتسىيالىزم شۆيۈەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سوتسىيالىزم شۆيۈەنى تېز تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈردى، مەركىزىي سوتسىيالىزم شۆيۈەنى بىرلىك سەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ۋەكىللىك زاتلار ۋە بىرلىك سەپ كادىرلىرىدىن 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى تەربىيەلىدى، ئۆلكە دەرىجىلىك ۋە مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك 47 شەھەردىكى سوتسىيالىزم شۆيۈەنلىرى 1 مىليون 400 مىڭغا يېقىن كىشىنى تەربىيەلىدى، مەملىكەتلىك تور سوتسىيالىزم شۆيۈەنلىرى 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى تەربىيەلىدى. «سوتسيالىزم شۆيۈەنى جەمئىيەتنىڭ بولۇش»تا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسىي ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سوتسيالىزم شۆيۈەنى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى ۋە مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، مەركەز ۋە يەرلىكتىكى سوتسيالىزم شۆيۈەنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، شۆيۈەندىكى كۇرسانتلار قاتارلىقلاردىن بولۇپ 260 تىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ