ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغۇرىقى 14 قېتىم چېلىندى، 18-سېنتەبىر ۋەقەسىنى ئۇنتۇپ قالماڭ

2026.09.18 15:27 مەنبە: خەلق تورى

9-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 18-سېنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەرگەن جاي لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنياڭ شەھىرىدە 18-سېنتەبىر ۋەقەسىنى ئۇنتۇماسلىق بويىچە قوڭغۇراق چېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىن كەلگەن 14 نەپەر قوڭغۇراق چالغۇچى كەمتۈك كالېندار ئابىدىسىنىڭ يېنىغا قويۇلغان "دۆلەتنىڭ ئار-نومۇسىنى ئۇنتۇماڭ" دېگەن خەت يېزىلغان ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغۇرىقىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغۇرىقىنى بىرلىكتە 14 قېتىم چالدى، بۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 14 يىل قان كېچىپ قىلغان ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ مىسلىسىز جاپا-مۇشەققەتلىرىگە سىمۋول قىلىنغان. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 18 مىنۇت ئۆتكەندە، لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەر بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ مىنۇت ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى چېلىپ، كىشىلەرنى تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىنچلىقنى قەدىرلەشكە ئاگاھلاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ