جۇڭخۇا يىلىك ئامبىرىغا قانداشسىز قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلغانلار 24 مىڭدىن ئاشتى

2026.09.18 15:26 مەنبە: خەلق تورى

9-ئاينىڭ 18-كۈنى، جۇڭخۇا يىلىك ئامبىرىغا قانداشسىز قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلغانلار سانى 24 مىڭدىن ئاشتى.

جۇڭخۇا يىلىك ئامبىرى 2001-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىنسانپەرۋەرلىك مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. تۇنجى تەقدىم قىلىشتىن تەقدىم قىلغانلار سانى 10 مىڭغا يېتىشكە 20 نەچچە يىل ۋاقىت كەتتى، 23 مىڭدىن 24 مىڭغا يېتىشكە پەقەت 112 كۈنلا ۋاقىت كەتتى.

جۇڭخۇا يىلىك ئامبىرى 2012-يىلى دۇنيا يىلىك ئامبىرىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، دۇنيا بويىچە 4-چوڭ يىلىك ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ، نۆۋەتتە ئامباردىكى پىدائىي تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ سانلىق مەلۇماتى 3 مىليون 790 مىڭ كىشىگە يېقىنلاشتى. 2026-يىلى 3-ئايدا، جۇڭخۇا يىلىك ئامبىرى دۇنيا يىلىك ئامبىرىنىڭ تولۇق ئۆلچەم بويىچە ئىسپات بېرىش ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشتى، بۇ جۇڭگونىڭ قانداشسىز قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلىش ئىشلىرىنىڭ خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردىكى سەۋىيەگە قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ