
رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خې بياۋ 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن "'15-بەش يىل'نى باشلاش" يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە بىر گەۋدىلەشكەن تېلېۋىزىيە تېخنىكا ئۆلچىمىنى تۈزۈپ چىقىپ، قانال كۆپەيتكۈچنىڭ ئىقتىدارىنى يۇمشاق دېتال ھالىتىدە تېلېۋىزورنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىنتايىن ئاددىي تېرمىنال ھالىتىنى بەرپا قىلىپ، بىر تېلېۋىزور بىلەنلا بىۋاسىتە كۆرسىتىش، تاللاپ قويۇش قاتارلىق تولۇق تىپلىق تېلېۋىزىيە كەسىپلىرىدىن راۋان بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، ئابۇنىچىلار ھەممىباب تىزگىنەك بولسىلا، بىر كۇنۇپكا بىلەن تېلېۋىزورنى ئاچالايدۇ، تاقىيالايدۇ، بىر كۇنۇپكا بىلەن قانال پىروگراممىلىرىنى كۆرەلەيدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ