
گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى لى چاڭيۈ، ليۇ بوتۇڭ، چى يۈكۇن
خاڭداپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن شىخەيگۇنىڭ ئىپتىدائىي قىياپىتى، ئاسمان-زېمىننى قاپلىغان سېرىق قۇم مەنزىرىسى، فۇجيەن-نىڭشيا خاسلىقىغا ئىگە ئۆرپ-ئادەت مۇزىكىسى... يېقىندا، فۇجيەن-نىڭشيا ھەمكارلىقى ھېكايىسى بايان قىلىنغان ئۆي ئىچى تىياتىرى «تاغ . دېڭىز» نىڭشيا يۇڭنىڭ ناھىيەسىنىڭ مىننىڭ بازىرىدا قويۇلۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىغا ئېرىشتى.
30 يىل ئىلگىرى، فۇجيەن-نىڭشيا ھەمكارلىقى باشلىنىپ، زامان-ماكاندىن ھالقىغان بىر بۆلەك «تاغلىق رايون بىلەن دېڭىز بويى رايونىنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى» شۇنىڭ بىلەن باشلاندى. 30 يىلدىن بۇيان، فۇجيەندىن نىڭشياغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن تۈركۈم-تۈركۈم كادىرلار ئۆزىنى بېغىشلاش، داۋاملىق كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇتۇپ، ھەر مىللەت كادىر-ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە قۇرغاق قۇملۇقنى ئالتۇن قۇملۇققا ئايلاندۇردى.
مىننىڭ بازىرىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرى دەل ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى.
«56 مىللەتنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى، جۇڭخۇا مىللىتى بىر چوڭ ئائىلە.» پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ مىللەتلەر خىزمىتىنى پىلانلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، مىللەتلەر رايونىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى.
ئۇزاقتىن بۇيان توپلانغان كۈچ-قۇۋۋەت توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان كۈچنى شەكىللەندۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى، جۇڭخۇا مىللىتى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈردى، گۈللىنىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ!
جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈپ، ھايات-ماماتتا بىللە بولۇپ، تەقدىرداش بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى
ھەيۋەتلىك تىيانشان ئىلگىرى شىنجاڭنىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالىنى ئايرىپ تۇرىدىغان تەبىئىي توسۇق ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 22.13 كىلومېتىر كېلىدىغان تىيانشان غالىبىيەت تونېلى تىيانشاننى كېسىپ ئۆتۈپ، تەبىئىي خەتەرلىك جاينى راۋان يولغا ئايلاندۇردى.
«تىيانشاننى تېشىپ ئۆتۈش ئاسان ئەمەس، بەلكى تىيانشاننىڭ ئۇ تەرىپىدە خەلق بار...» شىنجاڭلىق ساياھەت يېتەكچىسى دىلنۇر تۇرسۇنجاننىڭ سەمىمىي تونۇشتۇرۇشى سانسىزلىغان تورداشنى تەسىرلەندۈردى، شۇنداقلا «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش»نىڭ قويۇق ئاساسىي رېڭىنى نامايان قىلدى.
«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى.» پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ساھەسىدە ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت زور ئىجادىي ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتتى.
جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرى پۇختا قانات يايدۇرۇلدى، مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات-ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى.
«جۇڭخۇا مىللىتى» دېگەن سۆز ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلدى، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى قانۇن چىقىرىش قانۇنى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەشكىلىي قانۇنى قاتارلىق قانۇنلارغا كىرگۈزۈلدى، كۆپلىگەن جايدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى نىزامى تۈزۈلدى... جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى قانۇنچىللىق يولىدا سىجىل كۈچەيتىلدى.
− جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە تۈرتكە بولۇش تەربىيەسى دەرسلىككە، دەرسخانىغا، باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسى خەلق مائارىپى، كادىرلار تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسى سىستېمىسىغا سىڭدۈرۈلدى...«ھەرقايسى مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك» دېگەن سۆز چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى-شىمالىغا تارقالدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قەلبى قوشۇلغان، مەنىۋى جەھەتتە بىر-بىرىگە تايىنىدىغان بولۇپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى مىسلىسىز يۈكسەكلىككە يېتىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ شەكىللەندى.
«بۇنىڭدىن ئېتىبارەن بىز بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئاخىرغىچە ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە باراۋەر، ئەركىن، بەختلىك چوڭ ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا قەسەم قىلدۇق!»
يۈننەن پۇئېردا ئابىدىگە ئويۇلغان بىر قەسەم زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ، تارىخقا گۇۋاھ بولۇپ، بۈگۈننى جۇلالاندۇرماقتا.
1951-يىلى، پۇئېردىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ئابىدە تىكلەپ، بۇ جاراڭلىق قەسەمنى پۈتتى. 70 نەچچە يىللىق بوران-چاپقۇندا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئابىدىدىكى خەتلەر ئالىچىپار بولسىمۇ، ئىدىيەسى كۈنسېرى قەلبلەرگە چوڭقۇر ئورنىدى −
«بۇ بىپايان، گۈزەل، مۇنبەت تۇپراقتا ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر ئورتاق ماكانى بار، ئۇ بولسىمۇ جۇڭگو؛ ھەممەيلەننىڭ بىر ئورتاق سالاھىيىتى بار، ئۇ بولسىمۇ جۇڭخۇا مىللىتى؛ ھەممەيلەننىڭ بىر ئورتاق بىر ئىسمى بار، ئۇ بولسىمۇ جۇڭگولۇق؛ ھەممەيلەننىڭ بىر ئورتاق ئارزۇسى بار، ئۇ بولسىمۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش!»
بىر مىللەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
بۇلېڭگوۋ دۇڭشياڭ تىلىدا «تىك يار بويى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، بىرمەھەل گەنسۇ لىنشيا خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى دۇڭشياڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ئەڭ چەت، نامرات كەنت ئىدى. بۇلېڭگوۋ كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما چۇنخۇا مۇنداق دېدى:«شۇ چاغدا پەقەت كەنتكە سۇ، يول تۇتاشتۇرۇلغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى دەپ ئويلىغانىدىم.»
بۈگۈنكى كۈندە، كەنتكە سۇ باشلاپ كېلىندى، شۇنداقلا يول ياساپ تۇتاشتۇرۇلدى، كەنت قىياپىتىمۇ يېڭى تۈسكە كىردى. ئىلگىرىكى نامرات كەنت «مەملىكەت بويىچە مەدەنىي كەنت»، «جۇڭگودىكى گۈزەل ئىستىراھەت يېزا-كەنتى» قاتارلىق ناملارغا ئېرىشكەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك كەنتىگە ئۆزگەردى.
ما چۈنخۇا خۇشاللىققا چۆمگەن ھالدا مۇنداق دېدى:«كەنت قىياپىتىنى ياراتتى، شۇنداقلا روھنى تاۋلىدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ روھىي قىياپىتىنى يېڭىلاپ، بۇلېڭگوۋنى سېرىق توپىلىق ئېدىرلىقتىكى بەخت كەنتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا قەسەم قىلدى.»
جۇڭخۇا مىللىتى بىر چوڭ ئائىلە، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى ياخشى كۈن كەچۈرۈشى كېرەك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئومۇملۇقىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويدى، چىقارغان سىياسەت-تەدبىرلەرنىڭ كۆپلۈكى، يۆلەش سالمىقىنىڭ زورلىقى مىسلىسىز بولدى، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللەتلەر رايونلىرى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتى، مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ شەھەر-يېزا قىياپىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر بولدى.
يۈننەن گۇڭشەندىكى دۇلۇڭ مىللىتى تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان ئاز سانلىق مىللەت. تۇنجى تاشيولنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى، تۇنجى تونېلنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى، تۇنجى ئەمىن ئۆينىڭ پۈتۈشىگە ئەگىشىپ، دۇلۇڭ مىللىتى"بىر قەدەمدە مىڭ يىل"لىق ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
شىزاڭنىڭ لىنجىدىكى گالا كەنتى يىراق ـ يېقىنغا داڭلىق "شاپتۇل چېچىكى كەنتى" بولۇپ، گۇاڭدۇڭنىڭ شىزاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، شاپتۇل چېچىكى بايرىمى بىلەن نام چىقاردى، ئائىلىۋى مېھمانخانا، مېۋە ئۈزۈش، ئۆستۈرۈش باغلىرى كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىتتى، "ھەم سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ بولۇش، ھەم بايلىق بولۇش" رېئاللىققا ئايلاندى.
غايەت زور ئۆزگىرىشلەر توپلىنىپ تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان جاھان مۆجىزىلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى:
پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلاردىكى 420 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، مىللەتلەر رايونلىرى جەمئىي 30 مىليوندىن ئارتۇق نامرات كىشىنىنامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى. مىللەتلەر رايونلىرى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتى، مىللەتلەر رايونلىرىنى نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان مۇتلەق نامراتلىق ۋە رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى.
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، بىرمۇ مىللەت كەم قالسا بولمايدۇ.
چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش، كەسىپ ئارقىلىق يۆلەش، مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈش ئارقىلىق، تۈرلۈك يۆلەش سىياسەتلىرى پۇختا ئەمەلىيلەشتى؛ ئېكولوگىيەدىن مەنپەئەتلىنىش، ساياھەتتىن مەنپەئەتلىنىش، مەدەنىيەتتىن مەنپەئەتلىنىش قاتارلىق ھەربىر بېيىش يولى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. يېڭى دەۋردىكى تەرەققىيات جاۋاب قەغىزى مىللەتلەر رايونلىرىدا دەل جايىدا يېزىلدى −
دۇنيانىڭ ئۆگزىسىدە ئېلېكتىر تورى زىچ توقۇلدى. چىڭخەي-شىزاڭ، سىچۈەن-شىزاڭ، ئالى قاتارلىق "ئېلېكتىر سامايولى"چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدە گىرەلىشىپ، ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن بىخەتەر، ئىشەنچلىك "يورۇقلۇق تورى"، "خەلق تۇرمۇشى تورى"، "بەخت تورى"نى بەرپا قىلىپ بەردى؛
قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە پويىزلار گۈركىرەپ قاتنىدى. شىنجاڭ خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى لوپ، چىرا، كېرىيە، نىيە، چەرچەن قاتارلىق جايلارغا پويىز قاتنىماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلىنى ئۆزگەرتتى؛
مىڭ يىللىق دۇڭزۇ كەنتى يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولدى. گۇيجوۋنىڭ لىپىڭ ناھىيەسى جاۋشىڭ دۇڭزۇ كەنتىدە دۇڭزۇ ناخشىسى يىراقتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، دۇڭزۇ كەشتىچىلىكى، مومدا گۈل بېسىش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنىرى ھاياتىي كۈچىنى قايتا نامايان قىلدى، قەدىمىي دۇڭزۇ كەنتى مودا يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى؛
تۈرلۈك خەلق رايى قۇرۇلۇشلىرى، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلار ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلدى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈنئورتاق كۈرەش قىلىش ئىشەنچى تېخىمۇ چىڭىدى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ ئاشتى.
بىر گۇرۇپپا سانلار تەرەققىيات سۈرئىتىگە گۇۋاھ بولدى: 2020-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە، بەش ئاپتونوم رايوننىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يىغىندىسى 6 تىرىليون 1 مىليارد يۈەندىن كۆپىيىپ 8 تىرىليون 660 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.5 ئاشتى. 2025-يىلى، بەش ئاپتونوم رايوندىكى شەھەر-بازار، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 47 مىڭ 300 يۈەن، 21 مىڭ 600 يۈەنگە يېتىپ، 2020-يىلىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %27.4، %45 ئاشتى.
مەيلى قارلىق ئېگىزلىك، چۆل-باياۋاندا بولسۇن ياكى جىلغىلاردىكى قويۇق ئورمان، قورام تاشلىق رايونلاردا بولسۇن، مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى ھەر مىللەت ئاممىغا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر چوڭ ئائىلە ئىكەنلىكىنى، دۆلەت قۇدرەت تاپقان، جۇڭخۇا مىللىتى ياخشى كۈنگە ئېرىشكەندىلا، ئۆزىنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇتتى.
قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك
"سىلەر ئىچكى موڭغۇلدايۆبىڭ يەمسىلەر؟"
"يەيمىز، يەنە تېخى قايماق تەملىكىنى."
جۇڭچيۇ بايرىمى يېقىنلاپ قالدى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ قايماقلىق يۆبىڭى بازار تېپىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
كىچىككىنە بىر تال قايماقلىق يۆبىڭ جۇڭخۇا مىللىتى مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرۇلغانلىقى، ئىقتىسادىنىڭ ئۆزئارا تايىنىدىغانلىقى، ھېسسىياتىنىڭ قويۇق ئىكەنلىكىنىڭ جانلىق دەلىلى، شۇنداقلا ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنىڭ جانلىق ئىپادىسى.
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇقەررەر يول.
مىللەتئۇسسۇلى، مەيدان ئۇسسۇلى، يەلپۈگۈچ ئۇسسۇلى ئىنتايىن نەپىس ئوينىلاتتى، سالقىنلاۋاتقان ئاھالىلەر كۈلكە-چاقچاق قىلىشىپ كۈلۈشەتتى، كىچىك دوستلار تۈز، كەڭ يېشىل يولدا خۇشال ئوينايتتى... گۇگۇم چۈشكەندە، نىڭشيانىڭ يىنچۈەن شەھىرى جىنفېڭ رايونى چاڭچېڭ گۈللۈكى مەھەللىسىدىكى كىچىك مەيدان ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كېتەتتى. مەھەللىدە خەنزۇ، خۇيزۇ، مانجۇ، موڭغۇل، زاڭزۇ قاتارلىق مىللەت ئاھالىلىرى ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، تىپىك كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە ھېسابلىنىدۇ.
"جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمىدا، مەسىلەن، باھار بايرىمى، دۇەنۋۇ بايرىمىدا بىز 'مىڭ ئۆيلۈك زىياپەت' ئۆتكۈزىمىز. ھەممەيلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، كۈلكە-چاقچاق قىلىشىپ، مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشىمىز" دېدى چاڭچېڭ گۈللۈكى مەھەللە پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاۋ نەيشياڭ.
بۇنداق مەنزىرە مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇچراپ تۇرىدۇ −
گۇاڭشى جۇڭزۇ ئاپتونوم رايونى نەننىڭ شەھىرى لياڭچىڭ رايونى لياڭچىڭ بازىرىنىڭ پەنلۇڭ مەھەللىسىدە، خەنزۇ، جۇاڭزۇ، ياۋزۇ ۋە مۇلاۋ قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان ئامما بىللە ئولتۇراقلىشىپ، بىللە ئۆگىنىپ، ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىلىنىپ، بىللە ئىشلەپ، بىللە كۆڭۈل ئېچىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى يازدى.
چىڭخەي خۇجۇ تۇزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ۋۇشى بازىرىدا خەنزۇ، تۇزۇ، زاڭزۇ، خۇيزۇ، مانجۇ، موڭغۇلقاتارلىق ئامما بىرلىكتە يەر تېرىپ، ئىشلەپ، كەشتە تىكىپ، ھاراق ئېچىتىپ، دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىپ، بىر ـ بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان، ئۆزئارا سىڭىشىپ كەتكەن ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى.
چوڭ كۆلەمدە يۆتكىلىش، چوڭ كۆلەمدە يۇغۇرۇلۇپ ئولتۇراقلىشىش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلىرى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولدى، دۆلىتىمىز ئاز سانلىق مىللەت كۆچمە نوپۇسى 33 مىليوندىن كۆپرەككە يەتتى، ئۈچتىن بىر قىسىمدىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى شەھەردە ۋە تارقاق رايونلاردا ئولتۇراقلاشقان، ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئالماشتۇرۇش پىلانى، ھەر مىللەت ئامما گىرەلەشمە تەرەققىي قىلىش پىلانى، ساياھەت ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى قاتارلىقلار قانات يايدۇرۇلدى ۋە يولغا قويۇلدى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكى مىسلىسىز بولدى.
مەدەنىيەت بىر مىللەتنىڭ روھى، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يىلتىز تومۇرى.
غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى ئادەملەر بىلەن لىق تولدى، دۆلەت ئىچىدە مودا بولغان مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ئالقىشقا ئېرىشتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش مەزمۇنىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قەدىمكى ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە كۈتۈۋېلىنغان تاماشىبىن 560 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى تەربىيەسى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» دەرسلىكى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئوقۇتۇشتا ئىشلىتىلىشكە كىرىشتۈرۈلدى... جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى.
ئەڭ ئۇلۇغ كۈچ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىش. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئورتاق تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.
شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ھەمكارلىشىش، شىزاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، چىڭخەيگە نىشانلىق ياردەم بېرىش... قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئورتاق ئاتلىنىش سەپىرىدە، ھەر مىللەت ئامما قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈپ، كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغان "تاغ-دېڭىز مۇھەببىتى"نى نامايان قىلىپ، سان-ساناقسىز "تۇغقان"لارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، سانسىزلىغان تەسىرلىك ھېكايىلەرنى قالدۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى رىشتە شەكىللەندۈردى.
"ھەرقايسى مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلاشقان جۇڭگو چوقۇم ھەممىدە غەلىبە قىلىدۇ، چوقۇم پارلاق كەلگۈسىگە ئىگە بولىدۇ، بىزنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىمىز مۇقەررەر غەلىبىلىك ئىشقا ئاشىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى مۇقەررەر يېتىپ كېلىدۇ."
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەر مىللەت خەلقى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قەلبتىن ئېتىراپ قىلىنىشى تېخىمۇ يۇقىرى، ئۇيۇشۇش كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ