
مۇخبىرىمىز ليۇ چېڭيوۋ، خاۋ يىڭسەن
9-ئايدىكى لياۋنىڭ شېنياڭدا كۈز شامىلى كىشىگە راھەت بېغىشلايتتى. شېنياڭ شەھىرىنىڭ دادۇڭ رايونى چاڭئەن مەھەللىسىنىڭ چاڭئەن ئولتۇراق رايونىدا سەيلە قىلغاندا، ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان كونا تۇرخۇنلار كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى.
"بۇ يەر ئەسلىدە بىر پار قازان ئۆيى بولۇپ، تاشلىۋېتىلگىنىگە كۆپ يىل بولغانىدى، ھازىر مەھەللە پارتىيە ئەزالىرى-ئامما مۇلازىمەت مەركىزىگە ئايلاندى، ئىچىدە يەنە ياشانغانلار ئاشخانىسى، مەھەللە كىتاب ئوقۇش ئۆيى، خەتتاتلىق-رەسساملىق سىنىپى بار." 62 ياشلىق ئاھالە جياڭ شۇچىن ئىسسىق تاماق قاچىسىنى كۆتۈرگىنىچە مۇنداق دېدى: "يېڭىلا تەييارلىغان چۈشلۈك تاماقتا ئىككى گۆشلۈك، ئىككى گۆشسىز قورۇما بار ئىكەن، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ھەم ئەرزان ئىكەن."
2022-يىل 8-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شېنياڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: "كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش پۇقرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم خىزمەت." 2025-يىل 1-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم شېنياڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: "شەھەر يېڭىلاشتا شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، مەھەللە قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ھەممىدە خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە پايدا يەتكۈزۈش، خەلقنى خاتىرجەم قىلىشنى كۆزلەش، بولۇپمۇ 'ياشانغانلار، بالىلار’غا تېخىمۇ ياخشى كۆڭۈل بۆلۈش، ئاسراش كېرەك."
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شېنياڭ كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى شەھەرنى يېڭىلاش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، دىققەتنى "خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە پايدا يەتكۈزۈش، خەلقنى خاتىرجەم قىلىش"قا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئامما ئۈچۈن يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش بوشلۇقىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى.
"ھازىر، كونا تۇرخۇنلار كۈمۈش رەڭلىك چىراغ لېنتىسى ئورالغاندىن كېيىن، مەھەللىنىڭ بىر مەنزىرىسىگە ئايلاندى" دېدى چاڭئەن مەھەللە پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ساۋ شۆ. كونا تۇرخۇنلارنىڭ ئۆزگىرىشى شېنياڭنىڭ كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى پۇختىلىغانلىقى، مەھەللە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئىنچىكىلەشتۈرگەنلىكىنىڭ جانلىق كارتىنىسى.
كونا سانائەت بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شېنياڭنىڭ شەھەرلىشىش مۇساپىسى بالدۇر بولدى، پۈتۈن شەھەردىكى 6500دىن ئارتۇق ئولتۇراق رايون ئىچىدە، كونا ئولتۇراق رايون 3500دىن كۆپرەككە يېتىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %50تىن ئاشتى.
ئۇنىۋېرسال ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، "سىرتقى كۆرۈنۈشى"نى جۇلالاندۇرۇش، "ئىچكى مەزمۇن"نى پۇختىلاش −
1999-يىلى قۇرۇلغان شېنخې رايونى شىڭفېڭ مەھەللە شېنجوۋ گۈللۈكى ئولتۇراق رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى بىر مەھەل كونىراپ كەتكەن، باشقۇرۇشى ياخشى ئەمەس ئىدى. "ھازىر بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان قۇرۇلۇشلار چېقىۋېتىلدى، يېشىللىق كۆپەيدى، يوللار تۈزلەندى، قوشنىلار ئارىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئازايدى، ئىسمى-جىسمىغا لايىق ‘گۈللۈك ئولتۇراق رايونى’ بولدى!" ئولتۇراق رايون ئاھالىسى جاڭ لياڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: "نۇرغۇن كونا ئاھالە كۆچۈپ قايتىپ كەلدى."
بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان قۇرۇلۇشلار چېقىۋېتىلدى، كونا تۇرۇبا تورى، يول قاتارلىقلار ئۆزگەرتىلدى، يېشىللىق، كابېللار يېڭىدىن كۆپەيتىلدى، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى ۋە بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى كۆپەيتىلدى. شېنياڭ شەھەرلىك شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شى گوچى مۇنداق تونۇشتۇردى: شېنياڭ "بىرنى چېقىش، بەشنى ئۆزگەرتىش، ئۈچنى كۆپەيتىش"نى تۇتقا قىلىپ، كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى.
ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش −
دادۇڭ رايونى بەيتا مەھەللە ۋەنشوۋ ئولتۇراق رايونىدا، ئەسلىدە بىر چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال پائالىيەت مەركىزى قۇرۇش پىلانلانغانىدى. ئاھالىلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، لايىھەلىگۈچى تەرەپ چېرتيوژنى تۈزىتىپ، ئۈچ ئاھالىلەر پائالىيەت ئۆيىنى تارقاق قۇرۇشقا ئۆزگەرتتى ھەم بەدەن چېنىقتۇرۇش مەيدانى ۋە ئىستىراھەت كارىدورىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇردى.
شېنياڭ كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا، باشتىن-ئاخىر خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى سوراش، خەلقتىن ئەقىل سوراش، خەلقتىن ئۈنۈمنى سوراشتا چىڭ تۇردى: ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇن، ئاھالىلەردىن تولۇق پىكىر ئېلىپ، "بىر رايونغا بىر تەدبىر" "بىر بىناغا بىر تەدبىر" قوللىنىش بويىچە ئۆزگەرتىش لايىھەسىنى دەل جايىدا تۈزدى؛ ئۆزگەرتىش جەريانىدا، ئاھالىلەر نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئۆزگەرتىش سۈرئىتى، سۈپىتىنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلدى ۋە باشقۇردى؛ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ماس قەدەمدە "خەلق رايى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش" ۋە قۇرۇلۇشنى كەسپىي جەھەتتىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئېلىپ باردى، ئاھالىلەرنىڭ رازى بولۇش نىسبىتى %90تىن تۆۋەن بولغان ئولتۇراق رايونلارنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالمىدى.
قۇرۇش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەم ئۆزگەرتىپ ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، تېخىمۇ مۇھىمى باشقۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك −
ئوتتۇرىچە 30 يىلدىن ئاشقان خېپىڭ رايونى خېپىڭ يېڭى كەنتى مەھەللىسىگە كىرگىنىمىزدە، يوللار تەكشى، پاكىز بولۇپ، ئاپتوموبىللار تەرتىپلىك توختىتىلغانىدى. "كونا ئولتۇراق رايونلار ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، بىز تور خادىملىرى، بىنا باشلىقلىرى، ئاھالە پىدائىيلىرى قاتارلىقلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورتاق باشقۇرۇش قوشۇنى تەشكىللىدۇق" دېدى خېپىڭ يېڭى كەنتى مەھەللە پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ مىڭۋېي تونۇشتۇرۇپ.
كونا ئولتۇراق رايونلار يېپيېڭى تۈسكە كىردى، "ئۈچ ئۈلۈش قۇرۇلۇش قىلىشقا، يەتتە ئۈلۈش باشقۇرۇشقا تايىنىش كېرەك". "بىز مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتلىرى باشلامچى بولۇش، ئاھالە كومىتېتى، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى، ئۆي-جاي مۇلازىمىتى كارخانىلىرىدىن ئىبارەت كۆپ تەرەپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان بىرلەشمە يىغىن مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاھالىلەرنى ئولتۇراق رايوننى باشقۇرۇش-قوغداش ئەندىزىسى، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش كېلىشىمى ۋە كېڭىشىش قائىدىسىنى ئۆز ئالدىغا كېڭىشىپ بېكىتىشكە يېتەكلەپ، كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش نەتىجىلىرىنى ئورتاق ياخشى قوغدىدۇق" دېدى شېنياڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.
"15-بەش يىل" مەزگىلىدە، شېنياڭ 400دىن ئارتۇق كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىپ، مۇكەممەل مەھەللە قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، شەھەرنى "خەلققە تېخىمۇ قولاي، خەلققە پايدىلىق، خەلقنى خاتىرجەم ياشايدىغان" قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ