
پار بىلەن تەمىنلەش مەزگىلى كېلەي دەپ قالدى، پار ئىسسىمىسا قانۇن بويىچە ھوقۇقنى قوغدىغىلى بولىدۇ! 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر-بازارلارنى پار بىلەن تەمىنلەش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «نىزام» دېيىلدى)نى تەشۋىق قىلىپ چۈشەندۈردى. «نىزام»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئۆي تېمپېراتۇرىسى 20 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولسا، ئاھالىلەر ھەق قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، 18 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولسا پۇل تولۇق قايتۇرۇلىدۇ.
شەھەر-بازارلارنى پار بىلەن تەمىنلەش زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، خەلق رايى قۇرۇلۇشى بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھال-ئەھۋالى، بەخت-سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك. «نىزام» ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-يىغىنىدا ماقۇللانغان بولۇپ، بۇ يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ، ئۇ شىنجاڭنىڭ تۇنجى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پار بىلەن تەمىنلەشكە دائىر يەرلىك نىزامى ھېسابلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ