

كونا ئىنقىلابىي رايون ۋېيشىن ناھىيەسىدىن كەلگەن 62 يېڭى ئەسكەر شەرەپ بىلەن ھەربىي سەپكە كىردى. خەلق تورى مۇخبىرى لى فاشىڭ فوتوسى
خەلق تورىنىڭ 9-ئاينىڭ 16-كۈنى ۋېيشىندىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەربىي فورما كىيىپ، لېنتا ئاسقان جاشى ئوغۇل-قىزلىرى سەپەرگە ئاتلاندى. 9-ئاينىڭ 15-كۈنى، يۈننەن ئۆلكىسى جاۋتۇڭ شەھىرى ۋېيشىن ناھىيەسى 2026-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ھەربىي سەپكە كىرگەن يېڭى ئەسكەرلەرنى ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، 62 ئوت يۈرەك ياش ئائىلە-دۆلەت مۇھەببىتىنى قەلبىگە پۈكۈپ، بۇ قىزىل مۇنبەت تۇپراقتىن يولغا چىقىپ، ھەربىي گازارمىغا بېرىپ ھەربىي ھاياتىنى باشلىدى.
ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئەتتى، سەپەرگە ئاتلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، كوچىلاردا سەپ تۈزۈپ سەيلە قىلدى، شۇ جايدىكى ئامما ئوت يۈرەك ياشلارنى قىزغىن ئۇزىتىپ قويدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم قوبۇل قىلىنغان 62 يېڭى ئەسكەر ئىچىدە، داشۆ ئوقۇغۇچىسىدىن 44 ى بار بولۇپ، يەنە 2-قېتىم ھەربىي سەپكە قاتناشقان مۇنەۋۋەر پېشقەدەم ئەسكەرلەر ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قايتا جەڭگە ئاتلانغان.
ۋېيشىن ناھىيەسى «جاشى يىغىنى» ئېچىلغان جاي. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋېيشىن ناھىيەسى قىزىل بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەسكەر قوبۇل قىلىش تەشۋىقاتى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قىزىل گېننى ياشلارنىڭ تومۇرىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى. (خەلق تورى «ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو» سەھىپىسىنىڭ يۈننەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش-زىيارەت ئۆمىكىدىكى لى فاشىڭ، چېڭ خاۋ، فۇ خاۋ، يىن شىن، سەي شۇجىڭ)







ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ