تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى يېڭى بايقاش

2026.09.16 14:34 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، شىنجاڭ گېئولوگىيە ئىدارىسى سۇ رايى مۇھىتى گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مەركىزى يولغا قويغان جەنۇبىي شىنجاڭ قۇملۇقىدا سۇ ئىزدەش تۈرىدە يېقىندا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى نىيە ناھىيەسىنىڭ ئەندىر يېزىسى ۋە قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى مازار تاغنىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى ئىككى جايدا چوڭ تىپتىكى يەر ئاستى سۈيى يېڭىدىن بايقىلىپ، "قۇملۇقنىڭ يەر ئاستىدا پەقەت توختام سۇ، شورلۇق سۇلا بار" دېگەن ئەنئەنىۋى تونۇش بۇزۇپ تاشلاندى.

تۈر كوللېكتىپى يەنە تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قۇلۇپلاش قۇرۇلۇشى بويىچە قىرتاق، شورلۇق سۇدىن پايدىلىنىش سىناق پونكىتى قۇرۇپ، قۇملۇقتىكى قىرتاق، شورلۇق سۇدىن بىخەتەر سۇغىرىپ پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قۇملۇق گىرۋىكىنى قۇلۇپلاش قۇرۇلۇشىنى يېڭى سۇ مەنبەسى تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ