
ئالدامچىلارنىڭ ئالدامچىلىق ھىيلىسىنىڭ يەنە دەرىجىسى ئۆستى
ئۇلار ئاۋاز ئىزى يىغىش ئۇسۇلى ئارقىلىق
AI بىلەن ئاۋازىڭىزنى بىرىكتۈرۈپ
ئاندىن ئاۋازىڭىزنى دوراپ
ئۇرۇق-تۇغقان، دوستلىرىڭىزغا تېلېفون قىلىدۇ
يېقىندا، بېيجىڭ شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ئىشخانىسى ئاخبارات مەركىزىنىڭ خەلق ساقچىسى گو تاۋ كۆپچىلىككە "ئۈچ سېكۇنت جىم تۇرۇۋېلىش ئۇسۇلى"نى ئۆگەتتى، ناتونۇش تېلېفوننى ئالغاندا، ئەگەر قارشى تەرەپ ئىزچىل گەپ قىلمىسا، بىزمۇ ئاۋۋال تەشەببۇسكارلىق بىلەن گەپ قىلمايلى، ئاندىن كۆڭلىمىزدە بىر-ئىككى-ئۈچ دەپ ساناپ، ئۈچ سېكۇنت جىم تۇرۇۋېلىپ، قارشى تەرەپ داۋاملىق ئۈن چىقارمىسا، تېلېفوننى ۋاقتىدا قويۇۋېتىشىمىز كېرەك.
ئەگەر ئۇلانغاندىن كېيىن ئاتالمىش خېرىدارلار مۇلازىمىتى قىياپىتىگە كىرىۋالغان AI ماشىنا ئادەم بولسا، بىز ئوخشاشلا ئاۋاز چىقارماسلىقىمىز، دەرھال قويۇۋېتىشىمىز كېرەك، بولمىسا ئالدامچىنىڭ سىستېمىسى بىزنىڭ ئاۋازىمىزنى تۇتۇۋېلىپ، ئالدامچىلىق ھىيلىسىنى قوزغىتىپ، ئادەم مۇلازىمىتىگە ئۇلاپ بېرىدۇ. ئارقىدىن تېخىمۇ كۆپ ئاۋاز توپلاپ، ئاۋاز ئىزىنى كىلونلاپ، كېيىن بىزنىڭ ئاۋازىمىزنى دوراپ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىمىزدىن پۇل قەرز ئېلىپ ھېسابات يۆتكەيدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ