خۇش خەۋەر! شىنجاڭدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ھېساباتىدىن تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ھەققىنى تۆلىگىلى بولىدۇ

2026.09.16 14:31 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى تور بېكىتىدە، 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ھەققى ۋە ئوكۇل سېلىش مۇلازىمەت ھەققىنى ئاپتونوم رايوندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ھېساباتىدىن چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىندى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: تەتبىقلاش ئوبيېكتى ئاپتونوم رايوندىكى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار ۋە سۇغۇرتىغا قاتناشقان يېقىن تۇغقانلىرى بولۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ھېساباتى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئېلېكتىرونلۇق ھەميانى، شەخسىي ھېسابات ئارقىلىق ئائىلە ئەزالىرى ئۆزئارا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، شەخسىي ھېسابات مەبلىغىنى ئىشلىتىپ تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ھەققى ۋە ئوكۇل سېلىش مۇلازىمەت ھەققىنى تۆلىسە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ