چېگرادىن چىقىش-كىرىش ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپپارات ۋە خادىملار بۈگۈندىن باشلاپ ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇلىدۇ

2026.09.16 14:30 مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تۈزگەن «چېگرادىن چىقىش-كىرىش ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپپارات ۋە خادىملارنى ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇش چارىسى» 9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، چېگرادىن چىقىش-كىرىش ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپپارات ۋە خادىملارنى ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇش چارىسى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش قانۇنى» ۋە 9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «گوۋۇيۈەننىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى»گە ئاساسەن تۈزۈلگەن، جەمئىي 14 ماددا بولۇپ، بۇنىڭدا ئەنگە ئېلىش دائىرىسى، مۇددىتى ۋە ماتېرىياللىرى قاتارلىق تەلەپلەر يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ئۆز تەۋەسىدىكى چېگرادىن چىقىش-كىرىش ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپپارات ۋە خادىملارنى ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشى بېكىتىلگەن. ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇش چارىسىدە گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، خىزمەت تەرتىپىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، چېگرادىن چىقىش-كىرىش ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپپاراتلارنىڭ ئەنگە ئالدۇرۇشنى بېجىرىشىنى قولايلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش تەلەپ قىلىنغان.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئورگان تور بېكىتى (http://www.nia.gov.cn)دە مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئەنگە ئېلىش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش سۇپىسى قۇرۇپ، ئەنگە ئېلىنغان چېگرادىن چىقىش-كىرىش ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپپارات ۋە خادىملارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ