شى جىنپىڭ فۇجيەن ئۆلكىسى «جاڭجوۋ 110»نىڭ بارلىق ئەترەت ئەزالىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى

خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تۆھپە قوشۇشقا ئىرادە باغلاپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇش كېرەك

2026.09.16 14:25 مەنبە: خەلق تورى

جاۋاب خەت

فۇجيەن ئۆلكىسى «جاڭجوۋ 110»نىڭ بارلىق ئەترەت ئەزالىرىغا:

خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولدۇم. «جاڭجوۋ 110» گۇڭئەن سىستېمىسىنىڭ بىر يارقىن نام كارتىسى بولۇپ، مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. سىلەر ساقچى ئىشلىرى بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، كەڭ ماختاشقا ئېرىشتىڭلار، مەن ناھايىتى خۇشال بولدۇم.

پۇقرالارنىڭ بەختى، دۆلەتنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى قوغداشتا، خەلق گۇڭئەنى ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغان. كەڭ گۇڭئەن كادىر - ساقچىلىرىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تۆھپە قوشۇشقا ئىرادە باغلاپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئاممىنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ھەممە ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكىنى جان كۆيدۈرۈپ قوغداپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2026 - يىلى 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ فۇجيەن ئۆلكىسى «جاڭجوۋ 110»نىڭ بارلىق ئەترەت ئەزالىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارغا سەمىمىي ئىلھام بەردى ھەم سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: «جاڭجوۋ 110» گۇڭئەن سىستېمىسىنىڭ بىر يارقىن نام كارتىسى بولۇپ، مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. سىلەر ساقچى ئىشلىرى بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، كەڭ ماختاشقا ئېرىشتىڭلار، مەن ناھايىتى خۇشال بولدۇم.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: پۇقرالارنىڭ بەختى، دۆلەتنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى قوغداشتا، خەلق گۇڭئەنى ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغان. كەڭ گۇڭئەن كادىر - ساقچىلىرىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تۆھپە قوشۇشقا ئىرادە باغلاپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئاممىنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ھەممە ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكىنى جان كۆيدۈرۈپ قوغداپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

«جاڭجوۋ 110»نىڭ ھازىرقى نامى «فۇجيەن ئۆلكىسى جاڭجوۋ شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى جاڭجوۋ 110 تارماق ئەترىتى» بولۇپ، 1990 - يىلىدىن بۇيان 110 ساقچىغا مەلۇم قىلىش مۇلازىمىتىنىڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ ھەم ئۇنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، جىنايەتكە زەربە بېرىش، ئامانلىقنى قوغداش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، ئۇ، مەملىكەت بويىچە گۇڭئەن ئورگانلىرىدىكى مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىنىڭ ۋەكىلى. باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇجيەندە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە ئىلگىرى ئۈچ قېتىم ساقچى ئەترىتىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، «جاڭجوۋ 110»نىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلدى ھەم تۈرتكە بولدى. يېقىندا، «جاڭجوۋ 110»نىڭ بارلىق ئەترەت ئەزالىرى باش شۇجىغا خەت يېزىپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ