
گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى مالىيە باشقۇرۇش-يۈرۈشتۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى پېي رېنچۈەن 9-ئاينىڭ 14-كۈنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن گوۋۇيۈەننىڭ سىياسىتىدىن قەرەللىك خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇل قايتۇرۇپ كېلىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى تۈزەشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى توغرىسىدا مەخسۇس تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كېيىنكى قەدەمدە، مەركەز كارخانىلىرى پائال مەبلەغ توپلاپ، ۋاقتىدا تۆلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ بۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا نەق پۇل تۆلەشنى "قاتتىق ئۆلچەم" قىلىشتا چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە، ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ مۇۋاپىق نەق پۇل تۆلەش نىسبىتىنى ساقلاپ، كەسىپ زەنجىرىنى بويلاپ يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە "تالون ـ ئىسپات" ئىشلىتىشنى چىڭىتىپ، مۇددىتى ئالتە ئايدىن ئارتۇق "تالون ـ ئىسپات"نى يېڭىدىن كېسىشنى قاتتىق چەكلەيدۇ؛ مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق كەسىپ، ساھەدىكى بەلگىلىمىلەرگە باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىپ، توختامدا تۆت تۈرلۈك مۇھىم ئامىلنى باشلامچىلىق بىلەن ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كەسىپتە ۋاقتىدا تۆلەش تەشەببۇسىغا باشلامچىلىق بىلەن ئاۋاز قوشۇشى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ