
9 ـ ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى "'15 ـ بەش يىل'نى باشلاش" يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لېي خەيچاۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: كەلگۈسى بەش يىلدا، ئەلا سۈپەتلىك تېببىي تولۇق كۇرس ۋە ماگىستىرلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش، يېزىلارغا تېببىي پەن ئوقۇغۇچىلىرىنى زاكازلىق، نىشانلىق تەربىيەلەش، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يېزا-كەنت دوختۇرلىرى مەخسۇس پىلانى قاتارلىقلار ئارقىلىق داۋالاش-ساقلىق ساقلاش سىستېمىسى بىلەن مائارىپ سىستېمىسى ماسلاشتۇرۇلۇپ، تېببىي پەن ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش سانى داۋاملىق كېڭەيتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىش ئورنىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى يەنىمۇ ئاشۇرۇلۇپ، ئىش ھەققى تۈزۈمى، كادىرلارنى رىغبەتلەندۈرۈش تۈزۈمى جەھەتتە كەڭ تېببىي خادىملار ئۇزاق مۇددەت مۇقىم خىزمەت قىلىشنى خالايدىغان قىلىنىدۇ، "بىز يەنە جەمئىيەتنىڭ دوختۇرلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، سەھىيە ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، تېببىي خادىملارنى ئاسرايدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز."
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ