دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: سۈنئىي ئەقىل تەھدىتى توغرىسىدىكى بايانلار ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ

2026.09.15 14:17 مەنبە: خەلق تورى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن 9-ئاينىڭ 14-كۈنى مۇنداق بىلدۈردى: سۈنئىي ئەقىلنىڭ تەرەققىياتى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بەخت-سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك. تۈرلۈك تەھدىت بايانلىرىنى تارقىتىش ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: يېقىندا، دارىيو ئامودى، سام ئالتمان، ئېلون ماسك قاتارلىقلار سۈنئىي ئەقىل كارخانىلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاستىلىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئامودى: جۇڭگو سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا كېتىۋاتىدۇ، بۇ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدۇ، دېدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

گو جياكۇن مۇنداق دېدى: "سۈنئىي ئەقىلنىڭ تەرەققىياتى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بەخت-سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ھەرقايسى تەرەپلەر سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولۇشقا، ياخشى تەرەپكە يۈزلىنىشىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇشى كېرەك. تۈرلۈك تەھدىت بايانلىرىنى تارقىتىپ، قارشىلىشىش ۋە يامان سۈپەتلىك رىقابەت بىلەن شۇغۇللىنىش پەقەت سۈنئىي ئەقىلنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش مۇساپىسىگە كاشىلا قىلىدۇ، ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ."

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ