دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەربىي مەشىق مەزمۇنى يېڭىلىنىدۇ

2026.09.15 14:10 مەنبە: خەلق تورى

9-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، داشياۋ جياڭ بىن يېقىنقى مەزگىلدىكى ئارمىيەگە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلدى.

بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: خەۋەر قىلىنىشىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ يېڭى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەربىي مەشىق خىزمىتى قىزغىن قانات يايدۇرۇلۇۋېتىپتۇ، ئوقۇغۇچىلار ھەربىي نەزەرىيە ئوقۇتۇشى، ھەربىي ماھارەت مەشقى ئارقىلىق، دۆلەت مۇداپىئە ئېڭى ۋە ھەربىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىرادىسى ۋە پەزىلىتىنى تاۋلايدىكەن. ئالاقىدار ئەھۋاللارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇشتۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز.

جياڭ بىن مۇنداق بىلدۈردى: ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ھەربىي مەشىقنى قانات يايدۇرۇش «دۆلەت مۇداپىئە قانۇنى»«مائارىپ قانۇنى»«دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى قانۇنى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ھالقا، ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، دۆلەت مۇداپىئە قارىشىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم يول. بۇ يىل، ئارمىيە جەمئىي 500 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن ئىسپات بېرىلگەن ھەربىي مەشىق مەشقاۋۇلىنى تاللاپ ئەۋەتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق مەكتەپتىكى 30 مىليونغا يېقىن ئوقۇغۇچىنى ھەربىي مەشىق قىلىشقا تەشكىللىدى، ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەربىي ساپاسى، قەيسەر ئىستىلى، ئىنتىزام قارىشى قاتارلىقلار ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈپ، جەمئىيەتتە ياخشى ئىنكاس قوزغىدى. نۆۋەتتە، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك بۇسى ئوقۇغۇچىلار ھەربىي مەشىق پىروگراممىسىنى تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرىكەت مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرماقتا، جۈملىدىن يېڭى دەۋر ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەشىق مەزمۇنىنى يېڭىلاپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، ئۇچۇرلاشقان ئوقۇتۇش ۋاسىتىسى قوللىنىشنى بېيىتتى ھەمدە قىسمەن ئۆلكىلەردە سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇپ ۋە مەشىق ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلار ھەربىي مەشىق خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ