جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سوۋغا قىلدى، مەڭگۈ كۆرگەزمە قىلىنىدۇ

2026.09.15 14:09 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى، جۇڭگو دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى، ۋىيېننادىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تاشقى بوشلۇق مەھكىمىسى ۋىيېننادىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، جۇڭگو "چاڭئې 6-نومۇر" ناملىق سۈنئىي ھەمراھ يىغقان ئىنسانلارنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاينىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ئاي توپىسى ئەۋرىشكىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا رەسمىي سوۋغا قىلدى. ۋىيېننادىكى ھەرقايسى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، ۋىيېننادىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرى بولۇپ 400 دىن ئارتۇق ئەزىز مېھمان يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ