
مۇخبىرىمىز چېڭ يۈەنجوۋ
ئالتۇن كۈزدە، تاغ ئارىسىدىكى تاڭ تۇمانى تېخى تارقىمىغانىدى، گۇاڭدۇڭنىڭ شاۋگۇەن شەھىرى رېنخۇا ناھىيەسى خۇڭشەن بازىرى شىنبەي كەنتىدىكى ئېگىز تاغ چايزارلىقىدا چايچى دېھقانلار بېلىگە بامبۇك سېۋەتنى ئېسىپ، يۇمران چاي يوپۇرماقلىرىنى ئۈزمەكتە ئىدى. بىر كۈن ئالدىراش ئىشلىسە، بىر ئادەم 100 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايتتى.
1934-يىلى كەچ كۈز، يەنە بىر سەھەردە، كەنت ئاھالىلىرى سەھەر تۇرۇپ چاي ئۈزۈپ، چوڭ-كىچىك كوچىلارنىڭ قىزىل ئارمىيە بىلەن لىق تولغانلىقىنى بايقىدى، ئەينى چاغدا مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەردىكى ئاساسىي قىسمى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ گۇاڭدۇڭنىڭ شىمالىدىكى نەنشيۇڭ، رېنخۇا، لېچاڭ قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ، گومىنداڭ تەسىس قىلغان قامال لىنىيەسىنى ئارقا-ئارقىدىن بۆسۈپ ئۆتكەنىدى. پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىسى لى يۈچىڭ مۇنداق دېدى: «شۇ يىلى ئانام 13 ياشتا ئىدى، قىزىل ئارمىيە شىنبەي كەنتىدىن ئۆتكەندە، دالىدا يېتىپ-قوپۇپ، ئادىل سودا-سېتىق قىلىپ، پۇقرالارغا قىلچە زىيان يەتكۈزمىگەنىدى؛ پۇقرالار تەشەببۇسكارلىق بىلەن قىزىل ئارمىيە ئۈچۈن چاي قاينىتىپ، تاماق ئېتىپ، يارىدارلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغانىدى.»
2018-يىل 10-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى:«دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، تىرىشىپ كەمتۈكلۈكلەرنى ‹يوشۇرۇن كۈچ تاختىسى›غا ئايلاندۇرۇپ، گۇاڭدۇڭنىڭ شەرقىي، غەربىي، شىمالىي رايونلىرىنىڭ ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىش، تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك.» 2025-يىل 11-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەندۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تاپىلىدى:«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى سىياسەت جەھەتتىن يۆلەشنى داۋاملىق كۈچەيتىشى، كونا ئىنقىلابىي رايوندىكى كەڭ كادىرلار، ئامما بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلىشى كېرەك.»
گۇاڭدۇڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ رايون تەرەققىياتى تەڭپۇڭ بولماسلىق قىيىن مەسىلىسىنى جاسارەت بىلەن ھەل قىلدى. «مىڭ-تۈمەن قۇرۇلۇشى»تەجرىبىسىنى ئۆگىنىش، قوللىنىش ئاساسىدا، گۇاڭدۇڭ 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا «100 ناھىيە، 1000 بازار، 10 مىڭ كەنتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يۈز، مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى»دېيىلىدۇ) نى باشلاپ، تىرىشىپ كەمتۈكلۈكلەرنى «يوشۇرۇن كۈچ تاختىسى»غا ئايلاندۇردى.
چاي بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى.
شىنبەيسۈن كەنتىنى ئايلانغاندا، ياپيېشىل چايزارلىقنىڭ تاغ چوققىسىدىن تاغ ئېتىكىگىچە سوزۇلغانلىقىنى، ئاق تام، قارا كاھىشلىق پۇقرالار تۇرالغۇلىرىنىڭ بۇ يەرگە ھۆسن قوشۇپ تۇرغانلىقىنى، ئاسفالت يوللارنىڭ خۇددى قارا رەڭلىك لېنتىغا ئوخشاش ئەگرى-بۈگرى سوزۇلغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
لى يۈچىڭ مۇنداق دېدى:«كەنتتە ئەۋلادمۇئەۋلاد بەيماۋ چېيى ئۆستۈرۈلۈپ كەلگەن، لېكىن چايچىلىق كەسپى بىرمەھەل كەنت ئاھالىلىرىنىڭ باش قېتىنچىلىقىغا ئايلانغانىدى. قۇرۇتۇلمىغان چاينىڭ سېتىۋېلىش باھاسى بەزىدە ھەر جىڭى ئاران تۆت-بەش يۈەن بولاتتى، چايزارلىق تەدرىجىي قاقاسلىشىپ كېتىپ، كەنتمۇ ‹كاۋاك كەنت›كە ئايلىنىپ قالغانىدى.»
2024-يىلى، شىنبەي كەنتى «يۈز، مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى»نىڭ شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، گۇاڭدۇڭ جىنشا چايزارلىق چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ جىنشا چاي كەسپى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى جىنشا چېيى تېرىشقا ئۆزگەرتىشكە ئىلھاملاندۇردى.
«يېڭى سورتنى پەرۋىش قىلىش ئاسانمۇ-ياخشى ئەمەسمۇ، ياخشى ساتقىلى بولامدۇ-يوق؟» ھەمكارلىق لايىھەسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي، ھېچكىم چېقىلىشقا پېتىنالمىدى.
«كەسىپتە ‹مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىش› ئۈچۈن، ئەينى يىلىدىكى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان چاغدىكى غەيرەت-شىجائەت بولۇشى كېرەك!» شىنبەي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى رىشياڭ ۋە پارتىيە ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن سىناق قىلىپ ئۆستۈرۈپ، كەنت ئىككى كومىتېتىدىكى كادىرلارنى باشلاپ ئۆيمۇئۆي كىرىپ خىزمەت ئىشلىدى ھەم شىركەت بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ھەقسىز چاي مايسىسى بىلەن تەمىنلىدى، تېخنىك ئەۋەتىپ تېخنىكا ئۆگەتتى، شىركەت كۆك چاينى بىرتۇتاش سېتىۋالدى. ئىككى يىلدىن بۇيان، ئارقا-ئارقىدىن 480 مودىن ئارتۇق چايزارلىقنىڭ ئورنىغا جىنشا چېيى ئۆستۈرۈلدى.
لى رىشياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«بىز ئۈچ يىل ئىچىدە جىنشا چاي كەسپى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى 1000 مولۇق كۆلەمگە كېڭەيتىشنى، ئاندىن چاي پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇشنى پىلانلىدۇق.»
بارغانسېرى كۆپ ياشنىڭ كەنتكە قايتىپ چاي ئۆستۈرۈشىگە ئەگىشىپ، كەنت ۋەزىيەتكە قاراپ ئۈچ «قىزىل تەتقىقات-ئۆگىنىش+يېزا-كەنت ساياھىتى» لىنىيەسىنى بەرپا قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنبەي كەنتىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىك يىللىق كىرىمى 90 مىڭ يۈەندىن ئۇچقاندەك ئېشىپ 400 نەچچە مىڭ يۈەنگە يەتتى.
پەن-تېخنىكىنىڭ كۈچ قوشۇشى نەتىجىسىدە، كىچىك ماۋجۇ بامبۇكى چوڭ كەسىپكە ئايلاندى.
رېنخۇا ناھىيەسى ئاۋدا پەنەركە چەكلىك شىركىتىنىڭ بامبۇك ئاساس قىلىنغان يېڭى ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، قاتار تىزىلغان بامبۇك تاختايلار ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن چۈشۈۋاتاتتى. شىركەتنىڭ باش دېرىكتورى پەن جىنشەن ھاياجېنىنى باسالماي مۇنداق دېدى:«بامبۇكنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى بارغانسېرى تاشيول ئاساسىي قۇرۇلۇشى، كونتېينېر ياساش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى قاتارلىقلارغا كېڭىيىپ، قىممىتى ئون ھەسسە، يۈز ھەسسە قاتلاندى!»
رېنخۇا ناھىيەسىدە 10 مىڭ مولۇق بامبۇكزارلىق بار بولۇپ، ئىلگىرى كىشىلەر ماۋجۇ بامبۇكىنى ئوتۇن قىلىپ قالايتتى، تاختىپەر ياسايتتى. بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن ناھىيە «بامبۇكنى ياغاچ ئورنىغا دەسسىتىش، بامبۇكنى سولياۋ ئورنىغا دەسسىتىش، بامبۇكنى پولات ئورنىغا دەسسىتىش»تىن ئىبارەت كەسىپ يېڭى يولىدا مېڭىپ، ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇردى.
«ئىلگىرى قىزىل ئارمىيە كۈرمىڭ جاپا-مۇشەققەت ۋە خەۋپ-خەتەرنى بېسىپ ئۆتۈپ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنىدى، بۈگۈنكى كۈندە بىز كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يولىدا ھۇجۇم بىلەن مۇھىم ئۆتكەلنى ئىگىلەپ، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ‹بامبۇكنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇۇۋاتىمىز›» گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئورمانچىلىق پەن تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ساۋ يۇڭجيەن ئۆمەك باشلاپ ئاۋدا شىركىتىگە كىرىپ ئورۇنلىشىپ، دوكتورلار خىزمەت پونكىتىنى ئورتاق قۇرۇپ، يۈرۈشلۈك ئەقلىي ئىقتىدارلىق پىششىقلاش ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى.
«كارخانا+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+بازا+دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسى ئارقىلىق، 2025-يىلى، رېنخۇا ناھىيەسىدىكى 38 مىڭ بامبۇكچىلىق دېھقان ئائىلىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 15 مىڭ يۈەن ئاشتى، پۈتۈن ناھىيەنىڭ بامبۇكچىلىق كەسپىنىڭ ئۇنىۋېرسال مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليارد 589 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 5000 دىن ئارتۇق كىشى بامبۇكچىلىق كارخانىلىرىغا كىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى.
ئېلېكتىرونلۇق سودىغا يار-يۆلەك بولۇنۇپ، خاس مېۋە-چېۋە ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاشۇرۇلدى.
شاۋگۇەننىڭ لېچاڭ شەھىرى تەۋەسىگە كەلگەندە، خۇنەن-گۇاڭدۇڭ چېگراسىدىكى داۋاڭشەن تېغى ئېتىكىدە قىزىل ئارمىيە ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. 1934-يىلى 11-ئايدا، قىزىل ئارمىيە يامغۇرغا قارىماي داۋاڭشەن تېغىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، جەڭچىلەر دەرەخ شېخىنى مەشئەل قىلىپ، تاغنى ئايلىنىپ يۇقىرىغا قاراپ ئالغا ئىلگىرىلىگەنىدى.
ئىلگىرىكى ئۇرۇش ئوتى چەكسىز ئورمانلىققا يوشۇرۇنغانىدى، بۈگۈنكى كۈندىكى لېچاڭ شەھىرى جيۇفېڭ بازىرى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ بازار ئاچتى، تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدەندى، شۇ جايدىكى كادىرلار، ئامما «تاغدىن ھالقىش» يولىنى ئاچماقتا.
«جيۇفېڭ بازىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى يۇقىرى، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولۇپ، ئۆستۈرۈلگەن سېرىق ئەينۇلانىڭ تەمى تاتلىق.» جيۇفېڭ بازىرىنىڭ شياۋلاڭ كەنتىدە، يۇرتىغا قايتقان ياش خۇاڭ چىفېڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلىپ بېرىۋاتاتتى، بۇ ئەينۇلا ئۈزۈش پەسلىدە، ئۇ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق قىممىتى 1 مىليون 700 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان يېڭى مېۋىنى ساتتى.
لېچاڭ شەھىرى «يۈز، مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى»غا تايىنىپ، چياڭجېن فۇسۈن شىركىتىنى تەشكىللەپ قۇردى، دېھقانلار يەرنى پاي قىلىپ قوشۇش ئارقىلىق، پايغا قاراپ پايدا تەقسىملەپ بەردى؛ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق يۆلەش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش ئۇدۇللاشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلدى... بۈگۈنكى كۈندە، خۇاڭجىن ئەينۇلا ئىشلەپچىقىرىش رايونى لېچاڭدىكى سەككىز بازار، 86 كەنتنى قاپلاپ، 7000 دىن ئارتۇق باغۋەن دېھقان ئائىلىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.
«يۈز، مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى»يولغا قويۇلغان ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، گۇاڭدۇڭدىكى 57 ناھىيە (شەھەر) نىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا ئىككى يىل پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ، %60 تىن ئارتۇق ناھىيە (شەھەر) دە نوپۇسنىڭ ساپ كىرىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم نىسبىتى 2.41:1 دىن 2.28:1 گە كىچىكلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ