ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلدى، مۇنۇ تەمىناتلار شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆستى

2026.09.14 15:25 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇرغۇن جاي يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەشنى باشلىدى. 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، گۇاڭدۇڭ، يۈننەن يېڭى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى رەسمىي ئىجرا قىلدى. سەنشى، شىنجاڭ قاتارلىق جايلار 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىشنى ئېنىق بېكىتتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، جياڭسۇ، جېجياڭ، شەنشى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يېڭى ئۆلچەمنى ئىجرا قىلغان.

ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، تۆۋەن كىرىملىك ئەمگەكچىلەرنىڭ كىرىمىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە باشقا ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق-مەنپەئەتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەملىكەتلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قانۇنى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لۇ جىڭبو مۇنداق دېدى: "ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدىكى مائاش، ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇلى، ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش بويىچە ئىش ئورنىنى كۈتۈپ تۇرۇش مائاشى، كېسەل رۇخسىتى مائاشى قاتارلىقلارنى ھېسابلاش ئۆلچىمى ياكى ئەڭ تۆۋەن كاپالەت سىزىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاشى بىلەن ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە باغلىنىشلىق."

ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققىنى مىسالغا ئالساق، لۇ جىڭبو تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: "ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققىدە ئەمگەكچىلەرنىڭ نورمال خىزمەت ۋاقتىدىكى مائاشى ھېسابلاش ئۆلچىمى قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئەڭ تۆۋەن مائاش بەلگىلىمىسى»دە ئەڭ تۆۋەن مائاش ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇلغان. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى ئەڭ تۆۋەن مائاش بولغاندا، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى ئەڭ تۆۋەن مائاشقا ئەگىشىپ ماس قەدەمدە ئۆستۈرۈلىدۇ."

ئۇنىڭدىن باشقا، مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدىكى مائاش جەھەتتە، ئەمگەك توختامى قانۇنىدا سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدىكى مائاش شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. داۋالىنىش مەزگىلىدىكى كېسەل رۇخسىتى مائاشى ياكى كېسەلدىن قۇتقۇزۇش پۇلى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ %80 ىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك ئىكەن. "تۆۋەن ئاساسىي مائاش + يۇقىرى پىرسەنت ئايرىش" ئەندىزىسىنى قوللانغان مال ساتقۇچى، ۋاسىتىچى خادىملار شۇنداقلا يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەرگە نىسبەتەن، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىمۇ ئۇلارنى تېخىمۇ ئىشەنچلىك كىرىم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ