
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى نازارىتى يېقىندا 2026-يىللىق "پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتىش. پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىش" ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن قىيىنچىلىقى بار 30 نەپەر ھەربىينىڭ پەرزەنتى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش مەخسۇس ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى. پائالىيەتنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى تارماقلىرى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، دەرىجىمۇدەرىجە قاتتىق تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، تۈر ياردىمىنىڭ دائىرىسى ۋە شەرتىگە قاتتىق سېلىشتۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن قىيىنچىلىقى بار 30 نەپەر ھەربىينىڭ پەرزەنتىنى ياردەم بېرىش ئوبيېكتى قىلىپ بېكىتىپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى باسقۇچىدا (ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئوقۇۋاتقانلارنى 3000 يۈەن، ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ باسقۇچىدا ئوقۇۋاتقانلارغا 5000 يۈەن بىر قېتىملىق مەبلەغ ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى. "پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتىش. پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىش" ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتىدە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ پەرزەنتلىرىدىن 200ى ياردەمگە ئېرىشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ