
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار شاۋ يىبو، ۋاڭ خۇيخۇي) ھىندىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى مودىنىڭ تەكلىپى بىلەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلىغا بېرىپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 18 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۈمىدىنى تونۇشتۇردى.
ماۋنىڭ مۇنداق دېدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش سۇپىسى. قۇرۇلغاندىن بۇيان، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى روھىدا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى قەتئىي قوغداش، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشكە كۈچ چىقىرىپ، ئىسمى - جىسمىغا لايىق يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى 1 - چاسا سەپكە ئايلاندى.
ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەم ئۇنىڭغا پائال قاتنىشىدۇ. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا، رەئىس شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىدۇ ھەم مۇھىم سۆز قىلىدۇ، ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەت، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مېخانىزمىنىڭ تەرەققىياتى، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ مۇھىم تەشەببۇس، كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «چوڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىش بەلگىلەپ يول باشلايدۇ. جۇڭگو تەرەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىدىكى ھەرقايسى ئەزا تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، «چوڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى»نىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا كۈچ قوشۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تۆھپىسىنى قوشۇشنى خالايدۇ.
ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، ماۋ نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئىككى تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ھىندىستان زۇڭلىسى مودىنىڭ ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ. بۇ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قازان، تيەنجىن ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئۇدا 3 - يىلىدىكى ئۇچرىشىشى بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھىندىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكى بويىچە، جۇڭگو - ھىندىستان مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە كەلگۈسى نۇقتىدىن ئىگىلەپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، قوشنىلار ئىناق - دوستانە ئۆتىدىغان دوست، بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرىدىغان ھەمراھلاردىن بولۇشنى خالايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ