
9-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 18-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار شۇ ئايروپىلاندا قايتىپ كەلدى.
شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 18-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ بېيجىڭغا قايتتى.
يېڭى دېھلىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايروپورتقا بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى.
ئايروپورتقا بېرىش يولىدا، شۇ جايدىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلار ۋە جۇڭگو مەبلىغىدىكى كارخانىلار ۋەكىللىرى جۇڭگو ۋە ھىندىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 18-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىشىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ