مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بايراملىق تەبرىكى ۋە سەمىمىي سالىمى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى ئۇلنى چىڭىتىپ روھنى تاۋلاشقا، قېتىرقىنىپ ئادەم تەربىيەلەشكە رىغبەتلەندۈردى

2026.09.11 15:12 مەنبە: خەلق تورى

ئۆز مۇخبىرىمىز

42-قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى، ھەممەيلەننىڭ "پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپچىلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئالىيجاناب ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈپ، كەسپىي ساپاسى-ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش"ىنى ئۈمىد قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سالىمى ۋە تاپشۇرۇقى چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان بولۇپ، كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرى مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش مۇنبىرىدە ئىجتىھات بىلەن ئىشلەپ، ئىلىم ئۆگىتىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە بولغان چەكسىز ئۈمىدىگە تىرەك بولىمىز.

ئۇلنى چىڭىتىپ روھنى تاۋلاشتا، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك.

"باش شۇجى شى جىنپىڭ بىزدىن 'پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش'نى ئۈمىد قىلدى، مەن بۇرچۇمنىڭ شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىمنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.' چۇڭچىڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنى ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىسى ليۇ چيەن مۇنداق دېدى: "مەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى كونكرېت خىزمەتلەردە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جانلىق مىساللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى پىكىر يۈرگۈزۈشكە يېتەكلەپ، سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمراھ بولۇپ، ئېتىقاد ئۇرۇقىنى ئۇلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزىمەن".

ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ۋە دەرسلىككە ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيەنى سىڭدۈرۈش ئوخشاش يۆنىلىشتە تەڭ ئىلگىرىلەيدۇ. "تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ چۈشىنىشىمدىكى 'ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش' ئوقۇغۇچىلارنى تاغ-دەريا، كۆل-دېڭىزلارنى تونۇش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى بىلەن دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ." جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرى شياۋشى ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ماۋ جىنچى مۇنداق بىلدۈردى: دەرسخانىنى ھەقىقىي مۇھىتقا كۆچۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ ئادەم تەربىيەلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئائىلە، دۆلەتكە مۇھەببەت باغلاشقا يېتەكلەيمەن.

ئۈلگىلەر تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىھات بىلەن ئادەم تەربىيەلەش كېرەك.

9-ئاينىڭ 10-كۈنى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقى 2026-يىللىق "ئەڭ گۈزەل ئوقۇتقۇچى"لارنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى رەسمىي ئېلان قىلدى، گۇيجوۋ قاتناش تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ چىڭ شەرەپ بىلەن تاللاندى.

"'ئەڭ گۈزەل ئوقۇتقۇچى' شەرەپ بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئېغىر مەسئۇلىيەت. مەن بۇ شەرەپنى ئوقۇتۇش مۇنبىرىدە ئىجتىھات بىلەن ئىشلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، كەسپىي جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىشتە سىجىل ئالغا بېسىپ، تىرىشىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىلىشى، ئىش قىلىشى، ئادەم بولۇشىدىكى يول باشلىغۇچى بولىمەن" دېدى ۋاڭ چىڭ.

"باش شۇجى شى جىنپىڭ كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ 'كەسپىي ساپاسى، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش'ىنى ئۈمىد قىلدى، تاپشۇرۇق قەلبتە، مەسئۇلىيەت زىممىدە." بېيجىڭ باشلانغۇچ مەكتىپى خۇڭشەن شۆبە مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى سەي جىڭخۇا مۇنداق دېدى: "ئاساسىي مائارىپ مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئۇل سېلىش قۇرۇلۇشى. بىز مەكتەپنىڭ ئۆزىدىكى تەتقىقات خاراكتېرلىك بىلىم ئاشۇرۇشقا تايىنىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى پۇختا تاۋلاپ، پۇقرالارنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى ئاساسىي مائارىپنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى يولغا قويىمىز."

دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا جەزمەن ئالدى بىلەن مائارىپنى كۈچەيتىش، مائارىپنى كۈچەيتىشتە جەزمەن ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنى كۈچەيتىش كېرەك.

"باش شۇجى شى جىنپىڭ بىز بىرىنچى سەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى باشتىن-ئاخىر ياد ئېتىپ، تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق غەمخورلۇق قىلدى ۋە سالام يوللىدى. بۇلتۇر باش شۇجى مەملىكەت بويىچە ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرغانىدى، بۇ يىل يەنە كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. مەن بۇنىڭدىن ھەسسىلەپ ئىللىقلىق ھېس قىلدىم، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش غەيرىتىم تېخىمۇ تولۇپ تاشتى" دېدى سەنشى ئۆلكىسى لىنشيەن ناھىيەسى ليۇجياخۇي بازىرى بەيجيابەن ياتاقلىق تۈزۈمدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ شياڭرۇ.

"ئۈچ چى كېلىدىغان ھەربىر دەرس مۇنبىرىگە بالىلارنىڭ ئارزۇسى يۈكلەنگەن." ۋاڭ شياڭرۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئوقۇتۇش ماھارىتىمنى ئۈزلۈكسىز تاۋلاپ، ھەربىر بالىغا كۆڭۈل قويۇپ كۆيۈنۈپ، بارلىق قىزغىنلىقىمنى مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئەمەلدە كۆرسىتىمەن.

"باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سۆزلىرى ھەم غەمخورلۇق، ھەم رىغبەت بولدى." خۇنەن رۇچېڭ ناھىيەسى ۋېنمىڭ ياۋزۇ يېزىسى 1-تەۋەلىك باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى جۇ شىفېن مۇنداق دېدى: "مەن قىزىل مۇنبەت تۇپراقتا 'يېرىم يوتقان' ھېكايىسىنى داۋاملىق ياخشى سۆزلەپ، مېھىر-مۇھەببىتىم ۋە سەۋرچانلىقىم بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمراھ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىمەن."

"باش شۇجى شى جىنپىڭ بىزدىن 'مائارىپچىلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئالىيجاناب ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈش'نى تەلەپ قىلىپ، بىزنىڭ سىفەن مائارىپىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى." بېيجىڭ سىفەن داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېڭ جيەنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: مەكتىپىمىز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، تەربىيەلەش، يەتكۈزۈش، كەسىپتىن كېيىنكى قوللاشنى قاپلىغان پۈتۈن زەنجىرلىك ئادەم تەربىيەلەش سىستېمىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ بەرپا قىلىپ، سىفەن ئوقۇغۇچىلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەربىيەلەش ئارقىلىق، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلارنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: "ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك."

"تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىز ئوقۇتقۇچىلار تەرەققىياتىنىڭ تىرەك بولۇش سىستېمىسىنى سىجىل پۇختىلاپ، شەندۇڭدىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچى، داڭلىق مەكتەپ مۇدىرى، داڭلىق سىنىپ مۇدىرىدىن ئىبارەت 'ئۈچ نەپەر' قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ تۇرغۇزۇپ، تەشۋىق قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتىدىغان تېخىمۇ كۆپ سىياسەت-تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇتۇش بىلەن خاتىرجەم شۇغۇللىنىش، كۆڭۈللۈك ئادەم تەربىيەلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز" دېدى شەندۇڭ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، نازىر چېن بىچاڭ.

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى ۋاڭ لېي مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى يولغا قويغان "جۇڭگو ئوقۇتقۇچىلىرى" كىچىك پىروگراممىسىدا بىر قاتار ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان يېڭى ئىقتىدارلار تورغا چىقىرىلدى، 3-قارارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، ئوقۇتقۇچىلارنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش ئاممىۋى مەنپەئەت ھەرىكىتى باشلاندى، داۋالاش-ساغلاملىق، قاتناش-سەپەر قىلىش، تۇرمۇش مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس ئېتىبار بېرىش مۇلازىمىتى يولغا قويۇلدى.

"بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دۆلەت ھەرىكىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار مائارىپى سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلار بايلىقىنى تەقسىملەش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەش، بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنىڭ مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ياخشى ئېكولوگىيەسىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيمىز" دېدى ۋاڭ لېي.

كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرى "15-بەش يىل"دا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن تىرىشىپ يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

(مۇخبىرلىرىمىز ۋۇ دەن، دىڭ ياسۇڭ، ۋۇ يۆ، يەن يىچياۋ)

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ