دۆلىتىمىزدىكى سىرەك توپا، ۋولفرام، قەلەي قاتارلىق 14 خىل قېزىلما بايلىقنىڭ زاپاس مىقدارى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ

2026.09.11 15:11 مەنبە: خەلق تورى

تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى 2026-يىللىق (28-نۆۋەتلىك) جۇڭگو خەلقئارا كانچىلىق يىغىنىدا، «جۇڭگو قېزىلما بايلىق دوكلاتى 2026» ۋە «دۇنيا كانچىلىق تەرەققىيات دوكلاتى 2026»نى رەسمىي ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، "14-بەش يىل"نىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ سىرەك توپا، ۋولفرام، قەلەي قاتارلىق 14 خىل قېزىلما بايلىق زاپىسى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان؛ دۇنياۋى ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، قېزىلما بايلىقنىڭ تەمىنات ۋە ئېھتىياج ئەندىزىسى چوڭقۇر تەڭشىلىپ، دۇنيا كانچىلىقى گىرەلەشمە ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ