
نۇرغۇن كىشىلەر تېرىسىنى ئاسرىغاندا، زېھنىنى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ۋە ئاپتاپتىن ساقلىنىشقا قارىتىپ، يېمەكلىكتىكى قەنتكە سەل قارايدۇ. تاتلىق يېمەكلىكلەر، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەر پەيدا قىلىدىغان قەنتلىشىش رېئاكسىيەسى دەل تېرىنىڭ قارىيىشى، ئىنچىكە قورۇق چۈشۈشىدىكى يوشۇرۇن تۈرتكۈچتۇر.
تاتلىق يېمەكلىكلەر تېرىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدۇ
بىز تاتلىق، يۇقىرى ئىسسىقلىق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، يېمەكلىك ئادەم بەدىنىگە كىرىپ ماددا ئالماشقاندىن كېيىن، ئوكسىدسىزلانغان قەنت ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خىل ئوكسىدسىزلانغان قەنت خۇددى بىر تال-بىر تالدىن تېڭىلغان لېنتىغا ئوخشاش، بەدەندىكى ئاقسىل، ھۈجەيرە يۈزىدىكى ماي ماددىلىرى بىلەن بىرىكىش رېئاكسىيەسى ھاسىل قىلىپ، ئەسلىدىكى ماددىلارنىڭ قۇرۇلمىسىنى بىۋاسىتە ئۆزگەرتىدۇ. بۇ جەريان دەل قەنتلىشىش رېئاكسىيەسىدۇر. رېئاكسىيە تېرىدىكى كوللاگېن تالالىرىنى گىرەلەشتۈرۈپ، قاتتىقلاشتۇرۇپ، قوڭۇر سېرىق رەڭلىك ماددىلارنى ھاسىل قىلىپ، ئاخىرىدا بىر قاتار قېرىش ئىپادىلىرىنى پەيدا قىلىدۇ: تېرە رەڭگى تۇتۇقلىشىپ سارغىيىپ، تېرىنىڭ ئېلاستىكلىقى تۆۋەنلەپ، ئىنچىكە قورۇق، قورۇق ئۈزلۈكسىز كۆپىيىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، شېكەرنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، كوللاگېن ئاقسىلىنى ئىچكى قىسىمدىن "بۇزۇپ"، تېرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن قېرىتىۋېتىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ