
جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى سۈن لېي 9-ئاينىڭ 10-كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسى ئاشكارا يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئىران يادرو مەسىلىسىنىڭ سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىش يولىغا قايتىشىغا تۈرتكە بولۇشنى دەۋەت قىلدى.
شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا ئايرىم دۆلەتلەر خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار مەسىلىلەردە يەنىلا زور ئىختىلاپى بارلىقىغا قارىماي، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان جازالاشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى جاھىللىق بىلەن كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ توختىتىلغان قارالما ئاستىدا يىغىن ئېچىشىغا تۈرتكە بولدى. جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى، باش ئەلچى سۈن لېي سۆزىدە بۇنىڭغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ۋە كۈچلۈك قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ