خەلقئارا تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش ئىتتىپاقى رەسمىي قۇرۇلدى

2026.09.11 15:07 مەنبە: خەلق تورى

9-ئاينىڭ 10-كۈنى، خەلقئارا تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش ئىتتىپاقى قۇرۇش يىغىنى جۇڭگو جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ليەنيۈنگاڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. 46 قۇرغۇچى دۆلەت، 34 كۆزدىن كەچۈرگۈچى دۆلەت ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى قاتارلىق تۆت خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

ھەرقايسى تەرەپلەر بىرلىكتە «خەلقئارا تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش ئىتتىپاقى قۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما بايانات»نى ئېلان قىلدى. باياناتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى دۆلەتلەر تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىنىڭ دۇنياۋى ئاممىۋى ئاپەتكە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا ئەھدىنامىنى ئاساس قىلغان، تېخىمۇ مەركەزلەشكەن، تېخىمۇ كەسپلەشكەن، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ھەرىكەتچانلىق خاراكتېرىگە ئىگە ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارا تەشكىلات قۇرۇشنىڭ تېلېگراف ـ تور ئالدامچىلىقى ۋە ئۇنىڭغا باغلىنىشلىق جىنايەتلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ۋە زەربە بېرىش، ھەرقايسى دۆلەت پۇقرالىرى، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئەتىنى قوغداشتا ئىنتايىن رېئال ئەھمىيەتكە ۋە ئىجابىي رولغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. ئورتاق ئارزۇ ۋە ئورتاق تونۇش ئاساسىدا، ھەرقايسى تەرەپلەر خەلقئارا تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش ئىتتىپاقى قۇرۇشقا قوشۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ