
پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇڭ لىن 9-ئاينىڭ 10-كۈنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن "'15-بەش يىل'نى باشلاش" يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق بىلدۈردى: كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ياخشى كەسىپ ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىمىز. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى، تىجارەت قارىشى، نەتىجە قارىشى، خەۋپ ـ خەتەر قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، كۆلەم قارىشىنى ھەقىقىي چۆرۈپ تاشلاپ، سۈرئەت ۋە كۆلەم قوغلىشىشتىن سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى مەركەز قىلىشقا ئۆتۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى سىجىل ئاشۇرىمىز. "باھا جېڭى"، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا شېرىنكانە قايتۇرۇش، "يۇقىرى ئۆسۈم ئېلىش ۋە يۇقىرى پايدا قايتۇرۇش" قاتارلىق قىلمىشلارنى زور كۈچ بىلەن تۈزەيمىز.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ