
9-ئاينىڭ 9-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەن دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 78 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 78 يىلدىن بۇيان، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، چاۋشيەن خەلقى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، چاۋشيەننىڭ تۈرلۈك سوتسىيالىستىك ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا، يولداش باش شۇجى چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە خەلقىنى يېتەكلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭدىن چىن قەلبىدىن خۇشال بولدى. قېرىنداش چاۋشيەن خەلقىنىڭ چوقۇم ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى 9 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولىدىغان سوتسىيالىستىك دوستانە قوشنا دۆلەت. جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش باشتىن - ئاخىر جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس فاڭجېنى. بۇ يىل 6 - ئايدا، مەن چاۋشيەندە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، سىز بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتۇق. مەن يولداش باش شۇجى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بولغان ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ ئۆز پارتىيەمىز ۋە ئۆز دۆلىتىمىز ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتى ۋە دوستلۇقىنى سىجىل كۈچەيتىپ، رايون، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى - گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ