شىنجاڭ يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى: چوڭ ياشلىقلار ياردەم پۇلىنى "ئىلتىماس قىلمايلا بەھرىمەن بولۇش" تۈزۈملەشتۈرۈلدى

2026.09.10 13:16 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى، گۇڭئەن نازارىتى، مالىيە نازارىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىبارەت بەش تارماق بىرلىكتە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 80 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارغا ئاساسىي تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»نى بېسىپ تارقاتقان، 2026-يىل 9-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان، كۈچكە ئىگە مۇددىتى بەش يىل ئىكەن. يېڭى بەلگىلىمىدە ئالدىنقى مەزگىلدە ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان خەلققە قولاي تەدبىرلەر تۈزۈم شەكلىدە مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، چوڭ ياشلىقلار ياردەم پۇلى تارقىتىشنىڭ تېخىمۇ قېلىپلىشىشى، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇنغان.

تارقىتىش ئۆلچىمى جەھەتتە، ئاپتونوم رايون 2025-يىلى چوڭ ياشلىقلار ياردەم پۇلى تارقىتىش ئۆلچىمىنى ئومۇميۈزلۈك تەڭشىدى، كونكرېت تۆۋەندىكىچە: 80 ياشتىن (80 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 89 ياشقىچە بولغان ياشانغانلارنىڭ ھەر بىرىگە ئايدا 75 يۈەن؛ 90 ياشتىن (90 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 99 ياشقىچە بولغان ياشانغانلارنىڭ ھەر بىرىگە ئايدا 150 يۈەن؛ 100 ياشتىن ئاشقان (100 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياشانغانلارنىڭ ھەر بىرىگە ئايدا 280 يۈەن بېرىلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2011-يىل 80 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارغا ئاساسىي تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش تۈزۈمىنى ئورناتقاندىن بۇيان، نەچچە يۈز مىڭ ياشانغان كىشىگە نەپ يەتكۈزگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى تۈزىتىش چوڭ ياشلىقلارغا ياردەم پۇلى بېرىشنىڭ دەل جايىدا، قېلىپلىق بولۇشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ