
تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، كۆپلىگەن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ھەقلىق زاكازلىق ئايروپىلان تامىقىنى ئورۇنلاشتۇرغان. بەزى خەۋەرلەردە مۇنداق دېيىلگەن: ھەقلىق تاماقلارنىڭ باھاسى ئوخشاش ئەمەس، ئەرزان باھالىقلىرىمۇ، بىرقەدەر يۇقىرى باھالىقلىرىمۇ بار ئىكەن. خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتى، سىچۈەن ئاۋىياتسىيە شىركىتى، شياڭپېڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ھەقلىق تاماق ئورۇنلاشتۇرۇش يولىغا ماڭغان.
بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ھەقسىز ئايروپىلان تامىقى بولامدۇ؟ بۇ مەسىلىگە قارىتا، مۇخبىر بىرقانچە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمەت سۇپىسىدىن بۇنى سۈرۈشتۈردى.
شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمەت سۇپىسى مۇنداق بىلدۈردى: كۆپ خىللاشقان يېمەك-ئىچمەك تاللىشى (ھەقلىق تاماق تاللاشنى يولغا قويۇش)نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تاماق باھاسى سىستېمىدا كۆرسىتىلگىنى بويىچە بولىدۇ، "نورمال ئەھۋالدا ئەگەر نۆۋەتچى ئايروپىلان تاماق بىلەن تەمىنلىسە، يەنىلا (ھەقسىز تاماق) بار بولىدۇ، لېكىن ئوخشاش بولمىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلاردا پېچىنە-پىرەنىك ياكى رەسمىي تاماق دېگەندەكلەر بار بولىدۇ."
قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، يولۇچىلار نورمال تاماقتىن داۋاملىق بەھرىمەن بولالايدۇ، لېكىن يەنە ھەق تۆلەپ تاماق سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ. مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ خادىمى يەنە مۇنداق بىلدۈردى: ھەربىر يولۇچى ھەربىر نۆۋەتچى ئايروپىلاندا پەقەت بىر كىشىلىك تاماقنى ئالدىن ئىلتىماس قىلالايدۇ، APP، ئورگان تورى ۋە ئەپچاق قاتارلىق يوللار ئارقىلىق زاكاز قىلىشقا بولىدۇ، "'بۇلۇت تېرمىنالىدا تاماق تاللاش' مۇلازىمىتىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ نورمال ئۆلچەملىك تامىقىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ."
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ