
دېخۇي چوڭ ساغلاملىق (يېمەكلىك) كەسىپلەر باغچە رايونىغا جايلاشقان جىلىن دالى يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىگە كىرگىنىڭىزدە، خۇشبۇي ھىد دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. ئېكسكۇرسىيە كارىدورىدىكى ئەينەكتىن قارىسىڭىز، مىكروبسىزلاندۇرۇلغان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىكى قاتار-قاتار چۈچى پىرەنىكلىرى يەتكۈزۈش تاسمىسىدا ئاستا-ئاستا يۆتكىلىۋاتاتتى، تاللاش، سوۋۇتۇش، ئوراپ قاچىلاش ئارقىلىق زاۋۇتتىن چىقىش ئالدىدا تۇراتتى.

جىلىن دالى يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ يېمەكلىك سېخى. خەلق تورى مۇخبىرى لى ياڭ فوتوسى
"دەل ۋاقتىدا كەلدىڭىز، بۈگۈن دەل زاۋۇتىمىزنىڭ يىللىق خاتىرە كۈنى." مۇخبىرلارنى كۆرۈپ، شىركەتنىڭ دائىمىي زاۋۇت باشلىقى خۇاڭ جىنبىن ئاۋۋال كۈلۈپ كەتتى. "بىز 2004-يىلى دېخۇيغا ماكانلاشتۇق، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئەڭ دەسلەپكى سەككىزدىن 26 گە كۆپەيدى، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى ئەڭ دەسلەپكى 500 مىليون يۈەندىن كۆپىيىپ 1 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يەتتى."
شەرقىي جەنۇبتىن كەلگەن بىر كارخانا شەرقىي شىمالدا 22 يىل يىلتىز تارتتى، خۇاڭ جىنبىن مۇنداق دېدى: ئاساسلىق سەۋەب، دېخۇي "يېمەك-ئىچمەك"كە كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ، ناھىيە ئىقتىسادىدا چوڭ بۆسۈش ھاسىل قىلدى.
"جاينى خاتا تاللىمىدۇق." ئەينى يىلىدىكى ئورۇن تاللاش ئۈستىدە توختالغاندا، خۇاڭ جىنبىن گەپنى ئەگىتىپ ئولتۇرمىدى، زاۋۇت جەنۇبتا لياۋنىڭغا، شىمالدا خېيلۇڭجياڭغا، غەربتە ئىچكى موڭغۇلغا تۇتىشىدۇ، ئەشيا ئوبوروتى قولاي؛ دېخۇي يېزا ئىگىلىك چوڭ شەھىرى بولۇپ، خام ماتېرىيال يېتەرلىك. "تۇخۇمنى ئېلىپ ئېيتساق، بىز بىر يىلدا ئاز دېگەندە 8000 توننا تۇخۇم ئىشلىتىمىز، خام ماتېرىيال ئىنتايىن سۈپەتلىك!" دېدى ئۇ.
بىر شەھەر بىر كارخانىنى تۇتۇپ قېلىشتا رايون ئورنى ۋە خام ماتېرىيالغىلا تايانمىدى. بىر ئىنچىكە تەپسىلات خۇاڭ جىنبىندا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، "زاۋۇت رايونىنىڭ كەينىگە تېرەك تىكىلگەن بولۇپ، ھەر پەسىلدە تېرەك توزغاقلىرى ھەممە يەرنى قاپلاپ كېتىدۇ، يېمەكلىك زاۋۇتى بۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ."
"بۇنداق بولسا بولمايدۇ!" خۇاڭ جىنبىن تەرەققىيات رايونىغا تېلېفون قىلدى. قارشى تەرەپ: "زاۋۇتقا چوقۇم ياردەملىشىپ ھەل قىلىپ بېرىمەن!" دېدى. ئۇزاق ئۆتمەيلا ھەل قىلىش چارىسى تېپىلدى.
"ئەمەلىيەتتە بۇ بىر كىچىك ئىش بولسىمۇ، سودا مۇھىتىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلغىلى بولىدۇ." خۇاڭ جىنبىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: 22 يىلدىن بۇيان، دالى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئىشلەپچىقىرىشنى قايتا-قايتا كېڭەيتتى، مانا بۇ دېخۇينىڭ سودا مۇھىتىنى ئەڭ ئاددىي، شۇنداقلا ئەڭ كۈچلۈك ئېتىراپ قىلغانلىق.
كارخانىلارغا چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، كەسىپلەر باغچىسىغا قاراشلىق دېخۇي جۇچېڭزى بازىرى مەۋقەنى تەۋەلىك فۇنكسىيەسىگە قويۇپ، "بىرگە بىر" ھۆددىگە ئېلىش مېخانىزمىنى يولغا قويدى: بازار، كەنت كادىرلىرى كارخانىلارنى دائىملىق زىيارەت قىلىپ، "سىياسەتنى تېز يەتكۈزگۈچى" بولدى؛ كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى دەل جايىدا يوللاپ، ياخشى "مەسىلە يىغقۇچى" بولۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىلتىماس-تەلەپلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە توپلىدى. سۆھبەتلىشىش، تېلېفوندا سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئالاقە يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىلتىماس-تەلەپلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ جاۋابى بولۇش، ھەممىسىنىڭ نەتىجىسى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
"بىز يەنە كېڭىشىپ ماكانلاشقان كارخانىلارغا قارىتا مەخسۇس ئادەم سىياسەت جەھەتتىن جاۋاب بېرىش، پۈتۈن مۇساپىلىك كەسىپنى ۋاكالىتەن بېجىرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، 'بىر بېكەت شەكلى'دىكى مۇلازىمەتنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ھەقىقىي ئۆستۈردۇق" دەپ تونۇشتۇردى جىلىن دېخۇي ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جيا يىپېڭ.
ئەلا سۈپەتلىك سودا مۇھىتى بىر تۈركۈم باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، دېخۇي يېمەكلىك سانائىتىنىڭ پۇختا ئاساسىغا ئايلاندى. نۆۋەتتە، دېخۇيدا شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى باشلامچى كارخانىلار تەرەققىي قىلىپ 80 نەچچىگە يەتتى. جىلىن دېشياڭ گۇرۇھىنى مىسالغا ئالساق، كارخانا نەسىللىك چۈجە، ئەلا سۈپەتلىك يەم-خەشەك ۋە تولۇق ئاپتوماتىك ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىققا تايىنىپ، يېشىل توخۇنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى، يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى ھەرقايسى جايلاردا بازار تاپتى؛ "دالى" بىر پۈتۈن زەنجىر ياراتتى: خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش، ئوراش-قاچىلاش، ئەشيا ئوبوروتى بويىچە يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىندىكى كارخانىلار باشلامچىلارغا ئەگىشىپ توپلاندى، پۈتۈن شەھەرنىڭ يېمەكلىك سانائىتى "تارقاق" بولۇشتىن "زەنجىرسىمان" بولۇشقا، "توپ" بولۇشتىن "كەسىپ چەمبىرىكى"گە كېڭەيمەكتە.

جىلىن دېخۇي يېڭىچە شەھەر مەركىزىي ئاشخانا تۈرى. سۈرەتنى دېخۇي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن
"ئىلگىرى يىرىك ئۇسۇلدا سويۇش كۆپ، ئىنچىكە پىششىقلاش ئاز، خام ماتېرىيال تىپىدىكى چىقىرىش تەننەرخى يۇقىرى، قوشۇلما قىممىتى تۆۋەن ئىدى. ھازىر بىزنىڭ نىشانىمىز خام ماتېرىيال جەھەتتە پۈتۈن كۈچ بىلەن 'مەركىزىي ئاشخانا' بەرپا قىلىش." جيا يىپېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: دېخۇي چوڭ ساغلاملىق (يېمەكلىك) كەسىپلەر باغچىسىغا تايىنىپ، پۈتۈن شەھەر يېمەكلىك ياساش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاشنى چۆرىدەپ تۈر تۇرغۇزۇپ، باشلامچى يېتىشتۈرۈپ، زەنجىرنى ئۇزارتىپ، ماركا يارىتىپ، بازارنى كېڭەيتىپ، "ئاشلىق تېرىشتىن تاماق ئۈستىلىگىچە"، "يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىن سانائەت مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرۇشقىچە"، "چارۋا گۆشىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقىچە" بولغان قوشۇلما قىممەت ئىشلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن جانلاندۇرىدۇ.
يېمەكلىك داڭلىق شەھىرىنىڭ قىممىتى ماركىدا ئەمەس، بەلكى زەنجىردە. "ئالتۇن ئاشلىق ئامبىرى"دىن "يېشىل ئاشخانا"غىچە، دېخۇي "يېمەكلىك" خىزمىتىنى بارغانسېرى ياخشى ئىشلىمەكتە. قارا تۇپراقنى قوغداپ، "مەركىزىي ئاشخانا"دىن چىققان ئىسسىق ھور بارغانسېرى كۆپ "دالى"نى تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى. (مۇخبىر لى ياڭ)
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ