شى جىنپىڭ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنام بىلەن تېلېفونلاشتى

2026.09.09 15:36 مەنبە: خەلق تورى

9- ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېلىشكىنى بويىچە ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنام بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ بېرنامنىڭ ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرىلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار بولۇپ، گەرچە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئەھۋالى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئورتاق مەنپەئىتى ئىختىلاپتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ - ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئىختىلاپلاردىن ھالقىپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىق تورتىنى چوڭايتىشى كېرەك. ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۈچ چىقىرىدۇ، شۇڭا ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلىسا، ئۆزئارا ياردەم بەرسە بولىدۇ. جۇڭگو «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە مائارىپ، داۋالىنىش، پۇل مۇئامىلىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدا يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ساھەلەر. جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە ھەر ئىككىلىسى پەن - تېخنىكا چوڭ دۆلىتى، ھەر ئىككىلىسى مول مائارىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىق بايلىقلارغا ئىگە، ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىن كۆرەرلىك ئېڭىنى ساقلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئەنگلىيە تەرەپنىڭ جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو - ئەنگلىيە ئىككى دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر ئىككىلىسى كۆپ تەرەپچىلىك، ئوچۇق سودىنى قوللاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قوغدايدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدىكى ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

بېرنام بۇنى قۇۋۋەتلەپ مۇنداق بىلدۈردى: مەن ئىلگىرى ئۇزاق مەزگىل مانچېستېرنىڭ شەھەر باشلىقى بولغان، جۇڭگو بىلەن كۆپ يىللىق دوستانە ئالاقىمىز بار. رەئىس شى جىنپىڭ 2015 - يىلى ئەنگلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغاندا مانچېستېرغا بېرىپ زىيارەتتە بولۇپ، شۇ جاينىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشقا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەنىدى. ئەنگلىيە تەرەپ جۇڭگوغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاپ، ئەنگلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ. ئەنگلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. ئەنگلىيە تەرەپنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئۆزگەرمىدى. ھازىرقى داۋالغۇپ تۇرغان مۇرەككەپ خەلقئارا ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەنگلىيە بىلەن جۇڭگو سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق خەلقئارا قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى قوغدىشى كېرەك. بېرنام جۇڭگو تەرەپنىڭ شىزاڭ جىلۇڭدىكى لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىگە يۇقىرى ئۈنۈملۈك، كۈچلۈك تاقابىل تۇرغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتتى، جۇڭگو تەرەپنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان ئەنگلىيە پۇقرالىرىنى ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ