ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى غۇلجا شەھىرىدە باشلىنىدۇ

2026.09.09 15:44 مەنبە: خەلق تورى

ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە 5-نۆۋەتلىك ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىنىچە، ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە 5-نۆۋەتلىك ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى (تۆۋەندە قىسقارتىپ "مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى" دېيىلدى) 9-ئاينىڭ 10-كۈنى غۇلجا شەھىرىدە باشلىنىدىكەن.

مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ، مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ بۆلەككە بۆلۈنىدۇ، شىنجاڭدىكى ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى، كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تەسىر كۈچى ئەڭ كەڭ ئۇنىۋېرسال مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە غۇلجا شەھىرى ۋە چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدە قوش مۇسابىقە مەيدانى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىن كەلگەن 15 ۋەكىللەر كوماندىسى، 668 تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.

مۇسابىقىدە سەككىز چوڭ تۈر تەسىس قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە بەش ئاممىۋى تۈر، ئۈچ ئالاھىدە ئولىمپىك تۈرى بار بولۇپ، جەمئىي 350 كىچىك تۈر بار. بۇنىڭ ئىچىدە مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پۇت-قولى، كۆرۈش قۇۋۋىتى، ئاڭلاش ئىقتىدارى، ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتىكى مېيىپلەرگە يۈزلەنگەن بولۇپ، يېنىك ئاتلېتىكا، سۇ ئۈزۈش، تىكتاك توپ، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش، ئوقيا ئېتىشتىن ئىبارەت بەش ماھارەت تۈرى تەسىس قىلىنىپ، مېيىپ تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ جاسارەت بىلەن ئېلىشىدىغان ماھارەت سالاپىتى نامايان قىلىنىدۇ؛ ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتىكى مېيىپلەرگە يۈزلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان يېنىك ئاتلېتىكا، سۇ ئۈزۈش، تىكتاك توپتىن ئىبارەت ئۈچ تۈر تەسىس قىلىنىپ، قاتنىشىش جەريانىدا ئورتاقلىشىش، خۇشاللىق تەنھەرىكىتى گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ