
9-ئاينىڭ 7-كۈنى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى "پەسىل-مەۋسۇم ۋە ساغلاملىق (ئاق شەبنەم)" تېمىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. بېيجىڭ داشۆ 3-دوختۇرخانىسىدىكى مۇدىر دورىگەر جاۋ رۇڭشېڭ يىغىندا مۇنداق بىلدۈردى: دورا ئىچىش ۋاقتى دورىنىڭ ئۈنۈمىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاچ قورساق دېگىنىمىز تاماقتىن بىر سائەت بۇرۇن ياكى تاماقتىن ئىككى سائەت كېيىنكى ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ، ئاشقازاندا يېمەكلىك ئاز بولسا، دورىنىڭ تېز سۈرئەتتە تولۇق سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ، مەسىلەن، قىسمەن كىسلاتانى تىزگىنلەيدىغان دورىلار، باكتېرىيەگە قارشى دورىلار. تاماقتىن بۇرۇن دېگىنىمىز تاماقتىن 15-30 مىنۇت بۇرۇنقى ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئىچكەن دورا ئاشقازان دىۋارىغا تەسىر كۆرسىتىپ، يېمەكلىكنىڭ كاشىلىسىنى ئازايتىدۇ، مەسىلەن، قىسمەن ئاشقازان دورىلىرى. تاماقتىن كېيىن دېگىنىمىز تاماقتىن كېيىنكى 30 مىنۇتتىن بىر سائەتكىچە بولغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ، بۇ چاغدا يېمەكلىك غىدىقلىنىشنى پەسەيتىدۇ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلىشى كۈچلۈك بولغان دورىلارغا ماس كېلىدۇ، مەسىلەن قىزىتما قايتۇرۇپ ئاغرىق توختىتىش دورىسى، ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى قاتارلىقلار.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ