ئۈچ تارماق بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئېتىبار بېرىش كىنىشكىسىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش قاتارلىق ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىشنى ئورۇنلاشتۇردى

2026.09.09 15:43 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىرلىشىپ «ئېتىبار بېرىش كىنىشكىسىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر، باشقا نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرىغا ئېتىبار بېرىش كىنىشكىسىنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىغا تەۋە ئىكەنلىكى ھەمدە ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا دائىر قانۇننى تەتبىقلاشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ئالاقىدار تارماقلارنى ئېتىبار بېرىش كىنىشكىسىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش قاتارلىق ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، نەپىقە بېرىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداشنى ئورۇنلاشتۇردى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلاردىكى ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى تارماقلىرى، گۇڭئەن ئورگانلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەشۋىق قىلىش، ئالدىنى ئېلىش ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى تارماقلىرى تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئىشلىتىش، تەكشۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئېتىبار بېرىش كىنىشكىسى سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئۈنۈملۈك توسۇشى كېرەك. گۇڭئەن ئورگانلىرى يىپ ئۇچىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تەھقىقلەپ زەربە بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇننى تەتبىقلاشقا يېتەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ