
دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى، مالىيە مىنىستىرلىقى، قاتناش ـ تىرانسپورت مىنىستىرلىقى قاتارلىق يەتتە تارماق يېقىندا بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار، دېھقان ئىشلىگۈچىلەر، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى خادىملارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتىنى باشلىدى. ئۈچ يىل ئەتراپىدا جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش كۆلىمىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش سانىنى نۇقتىلىق ئۆستۈرۇش پىلانلاندى.
دۆلىتىمىز دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەرلەردە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشتىكى نوپۇس چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى كىرىم-چىقىمىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، ھەرقايسى جايلار شۇ جايدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانىدىن پايدىلىنىپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانىنى مۇۋاپىق بېكىتسە بولىدۇ. جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا، ھەق تاپشۇرغان يىل چېكى ئاي بويىچە جەملەنسە بولىدۇ، ھەر 12 ئاي توشقاندا بىر يىللىق ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلىنىدۇ.
دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىرتقا چىقىپ ئىشلەۋاتقان نۇرغۇن جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ھەر يىلى ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى ئارىلاپ-ئارىلاپ تاپشۇرۇشى مۇمكىن، شۇڭا سىياسەتتە ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكىنى ئاي بويىچە جەملەشكە يول قويۇلىدۇ، پارچە-پۇرات ھەق تاپشۇرۇش ۋاقتى ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكىگە كىرگۈزۈلىدۇ. سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا يەتكەن ھەمدە بەلگىلەنگەن ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكىگە يەتكەن بولسا، پېنسىيە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ؛ ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكىگە يەتمىگەن بولسا، بىرتۇتاش غەملىنىدىغان رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بەلگىلەنگەن يىل چېكىگىچە تولۇقلاپ تاپشۇرىدۇ. ھەرقايسى جايلارنىڭ ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۇدا تاپشۇرغان يىل چېكىنى شۇ جايدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرغان يىل چېكىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلاش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سۇندۇرۇپ ھېسابلاش نىسبىتىنى شۇ جاينىڭ مەبلەغ توپلاش سەۋىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ بېكىتىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ