
يېقىندا، يۈننەن لىنساڭ چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى نولياڭ چېگرا ساقچىخانىسى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق جۇڭگو-بىرما چېگراسى بىرىنچى لىنىيەسىنى چارلاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغاندا، تەخمىنەن 500 تۈپ ياۋا كەندىر تۈپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بايقىدى.

يىپ ئۇچى بايقالغاندىن كېيىن، بۇ چېگرا ساقچىخانىسى دەرھال خەلق ساقچىلىرى، چېگرا قوغدىغۇچىلارنى سايمانلارنى ئېلىپ نەق مەيدانغا بېرىشكە تەشكىللەپ، بۇ رايوندىكى ياۋا كەندىرنى تۈپمۇتۈپ ساناپ، ھەممىسىنى يۇلۇۋەتتى ھەمدە مەركەزلىك زىيانسىزلاندۇرۇپ كۆيدۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەتراپتىكى رايونلارنى ئىككىنچى قېتىم تور يېيىش شەكلىدە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، چۈشۈرۈپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلدى.
گۇمانلىق كەندىر بايقالغاندا
قوللىنىدىغان توغرا ئۇسۇل تۆۋەندىكىچە:
چېقىلماسلىق، ئۈزمەسلىك، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۇلۇۋەتمەسلىك، ئۆسۈملۈك تۈپى بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك؛
ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، ئۆسۈملۈك تۈپى، تۇرغان ئورنىنى سۈرەتكە تارتىپ ساقلاش كېرەك؛
دەرھال 110 غا تېلېفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىپ، گۇڭئەن ئورگىنىغا تەپسىلىي ئورۇننى چۈشەندۈرۈپ، كەسپىي خادىملارنىڭ نەق مەيدانغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇش كېرەك.
زەھەر چەكلەش ۋە زەھەرنى يوقىتىشتا ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار
كەڭ ئامما ئەگەر قانۇنسىز تېرىش، ياۋا زەھەر ئەسلىي ئۆسۈملۈكى يىپ ئۇچىنى بايقىسا
ئاكتىپ پاش قىلىش كېرەك
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ