ئەقىل-پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، مائارىپچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى يول باشلىغۇچىلىرىدىن بولۇش

2026.09.09 15:36 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرىمىز دىڭ ياسۇڭ، مېن جيېۋېي

"مائارىپچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش، بەرپا قىلىش كېرەك."

− 2026-يىل 7-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

جىلىن داشۆ چاۋياڭ مەكتەپ رايونىدىكى خۇاڭ دانيەن خاتىرە سارىيىنىڭ يېڭى سارىيى ئالدىنقى مەزگىلدە پۈتتى. كۆرگەزمە زالىدا خۇاڭ دانيەننىڭ "خەلق مائارىپچىسى" شەرەپ گۇۋاھنامىسى ۋە مېداللىرى كۆرگەزمىگە قويۇلغانىدى، يېنىدا ئۇ قولىدا يازغان كۈنتەرتىپ جەدۋىلى بار بولۇپ، زىچ تىزىلغانىدى.

2017-يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يولداش خۇاڭ دانيەننىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، "ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى ۋەتەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئۇلۇغ ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈش، خەلقنىڭ تارىخ يارىتىش ئۇلۇغ كۈرىشىگە سىڭدۈرۈش كېرەك" دەپ تەكىتلىدى.

سەمىمىي ئۈمىد ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتتى. شۇ يىلى، مائارىپ مىنىستىرلىقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە خۇاڭ دانيەنچە ئوقۇتقۇچىلار كوللېكتىپى بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى باشلىدى، تۇنجى تۈركۈمدە بېكىتىلگەن 201 ئوقۇتقۇچىلار كوللېكتىپى 200 ئالىي مەكتەپتىن كەلگەن بولۇپ، ھەرقايسى پەن تۈرلىرى ۋە شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى ئۆلكىلەرنى قاپلىدى.

2021-يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ خۇاڭ دانيەنچە ئوقۇتقۇچىلار كوللېكتىپى ۋەكىللىرىنى "ئەخلاق ئارقىلىق ئۆزىنى تەربىيەلەپ، قېتىرقىنىپ ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۈردە بىلىم ئىگىلەش، ئىش قىلىش، ئادەم بولۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ياخشى يول باشلىغۇچىلاردىن بولۇش"قا ئىلھاملاندۇردى.

روھقا كۈچ ئۇلاش داۋامىدا ۋارىسلىق قىلىندى. "جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى"، بۇ خۇاڭ دانيەن دائىم دەيدىغان بىر جۈملە سۆز، شۇنداقلا مىليونلىغان مائارىپ خىزمەتچىسىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بۇرچ-مەسئۇلىيەتچانلىق.

خاربىن سانائەت داشۆسىدە جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى تەن جيۇبىن ئادەتتىن تاشقىرى نازۇك ئەسۋاب تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى يېتەكلەپ، نانومېتىر، پىكومېتىر ئۆلچىمىدە زەررىچىنىمۇ قولدىن بەرمەي، 30 نەچچە يىل چوڭقۇر ئىزدىنىپ، تېخنىكا جەھەتتە ئەگىشىپ يۈگۈرۈشتىن خەلقئارادا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى؛ بېيجىڭ پوچتا-تېلېگراف داشۆسىدە جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى جاڭ پىڭ كوللېكتىپنى يېتەكلەپ خەلقئارادا تۇنجى G6 سىرتقى مەيدان تەجرىبە تورىنى قۇرۇپ، مۇستەقىل، كونترول قىلغىلى بولىدىغان تېخنىكا قوللىنىش سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى.

نۆۋەتتە، ئۈچ تۈركۈمدە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپلەردىكى خۇاڭ دانيەنچە ئوقۇتقۇچىلار كوللېكتىپىدىن جەمئىي 591 ى بېكىتىلدى، 4-تۈركۈمدىكى 200 كوللېكتىپ بەرپا قىلىنىۋاتىدۇ. كەڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچ چى كېلىدىغان دەرس مۇنبىرىدە يىلتىز تارتىپ، ۋەتەنگە سەمىمىي جاۋاب قايتۇرۇشتەك ئالىيجاناب روھىنى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەيدىغان جانلىق دەرسخانىغا، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن-تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشتىكى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇردى.

بىر ئۈلگە بىر جاينىڭ زېمىنىنى يورۇتتى، بىر قوشۇن مائارىپنىڭ كەلگۈسىگە تىرەك بولدى.

"مائارىپچىلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش" "تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان 'تۆتكە ئىگە' ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇش" "ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئىگىلەش، ئىش قىلىش، ئادەم بولۇشتىكى چوڭ ئۇستازلىرىدىن بولۇش"...باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدى يېڭى دەۋردىكى خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىغا يۈكسەك بۇرچ يۈكلەپ، يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، تۈۋرۈك تىكلەش-لىم سېلىش.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش يىرىك پىلان پىروگراممىسى (2024-يىلىدىن 2035-يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئومۇملۇقنى پىلانلىدى، يولنى ئايدىڭلاشتۇردى؛ مائارىپچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىردە ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، مىزان تۇرغۇزۇلدى، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىلدى؛ مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەككىز تارماق «يېڭى دەۋردىكى ئاساسىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۈچەيتىش پىلانى»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئاساسنى كۈچەيتتى، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىدى. ..

ھەربىر ھۆججەت يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك موتور بىلەن تەمىنلىدى، 18 مىليون 700 مىڭ ئوقۇتقۇچى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىكى ئاچقۇچلۇق ئاساسىي كۈچكە ئايلاندى.

ئوقۇتقۇچىلار كۈچەيتىلىپ ئېنېرگىيە بېرىلىپ، سۈپەت ئۆستۈرۈلۈپ، ئۈنۈم ئاشۇرۇلدى.

بۇ يىل يازدا، بېيجىڭ سىفەن داشۆسىنى پۈتكۈزگەن 560 تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تولۇق جابدۇنۇپ يولغا چىقىپ، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى 17 ئۆلكىدىكى ناھىيە تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە باردى. يولغا چىقىش مۇراسىمىدا، ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە "دۆلەت ئۈچۈن ئىرادە باغلاش، ئوقۇتقۇچىلىقنى ئۆزىگە نام قىلىش" دېگەن جاراڭلىق قەسەمنى دېكلاماتسىيە قىلدى. ئۇلار ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا، مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان بالىنىڭ ئارزۇسىنى يورۇتىدۇ.

"ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى ئانچە تەرەققىي تاپمىغان رايونلارغا سەرخىل ئوقۇتقۇچىلارنى نىشانلىق تەربىيەلەپ بېرىش پىلانى" ھەر يىلى نىشانلىق ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان 832 ناھىيە ۋە ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق چېگرا ناھىيەسىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەپ بېرىدۇ؛ مىنىستىرلىققا قاراشلىق سىفەن داشۆلەردىكى سىفەن ئوقۇغۇچىلىرىنى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن تەربىيەلەش تولۇق كۇرستىن ئاسپىرانتلار قاتلىمىغا ئۆستۈرۈلىدۇ؛ "دۆلەت تەربىيەلەش پىلانى" دەل جايىدا كۈچەپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە، مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەللىك، ئەمگەك، پىسخىكا ساغلاملىقى، ئىلىم-پەن مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇلىدۇ؛ "رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش ھەرىكىتى" باشلىنىپ يولغا قويۇلىدۇ. ..

يېتىشتۈرۈشتىن تەربىيەلەشكىچە، ئەنئەنىۋىلىكتىن رەقەملەشتۈرۈشكىچە، كەڭ ئوقۇتقۇچىلار قابىلىيىتىنى تاۋلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى چېنىقتۇرۇپ، ئادەم تەربىيەلەش ئىقتىدارى بىلەن ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى قوش ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەپ، ئوقۇتقۇچىلارغا نەپ يەتكۈزۈپ، قەلبلەر ئىللىتىلدى.

مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش كىرىم سەۋىيەسىنىڭ شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش كىرىم سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىق نەتىجىسى سىجىل مۇستەھكەملەندى؛ "تەقسىملەپ ئىجارە بېرىش + سەپلەپ سېتىش" بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرالغۇ كاپالەت سىستېمىسى بەرپا قىلىندى؛ يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنى پەرقلىق ياردەم پۇل بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، ھەر يىلى 1 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىسىغا نەپ يەتكۈزۈلدى. .. ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ ئىللىقلىقى ئەمەلىي تىرەككە ئايلاندى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋاقىتنى ئوقۇتقۇچىلارغا قايتۇرۇپ بېرىش، مائارىپنى ماھىيىتىگە قايتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان بىر مەيدان يۈكنى يېنىكلىتىش ھەرىكىتى ھەرقايسى جايلاردا پۇختا قانات يايدۇرۇلدى: مائارىپ سىستېمىسىدا ھۆججەت چىقىرىش بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنىڭ بىردەكلىكىنى باھالاش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، جەمئىيەت ئىشلىرىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈپ مەخسۇس تۈزەش قانات يايدۇرۇلۇپ، "ئاق تىزىملىك" بويىچە باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىشى قەتئىي توسۇلدى. ..

ئاساسنى پۇختىلاش ھەرىكەتلىرى كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى. بارغانسېرى كۆپ ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن خاتىرجەم شۇغۇللىنىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن قىزغىن شۇغۇللىنىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن كۆڭۈللۈك شۇغۇللىنىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ شۇغۇللىنىپ، ئىش ئورنىدا بەخت تۇيغۇسىغا، كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا، جەمئىيەتتە شان-شەرەپ تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى.

"مائارىپچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش، بەرپا قىلىش كېرەك." يېڭى سەپەردە، يېڭى دەۋردىكى خەلق ئوقۇتقۇچىلىرى تاپشۇرۇقنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، "ئارزۇ ئەترىتى" ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرغۇچىلاردىن بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ